ياۋروپا نۇقتىسدا تۇرۇپ روسىيە ئىستىراتېگىيىسىگە مۇئامىلە قىلىش

يەر شارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.روسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسى 2014- يىلى كىرگەندىن بۇيان ۋە  ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى . روسىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك , ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى تۈپ زىددىيەت زادى نېمە ,دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەر قايسى خەلقئارلىق تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان قىيىن مەسىلە بۇلۇپ قالدى . ئەلۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىشقا بەكرەك ئالدىرايدۇ .

 

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى شۇ جاي ۋاقتى 18-دېكابىر بېريوسىلدا بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق چوققا يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى .ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ روسىيە ئىستىراتېگىيىسىگە بىردەك مۇئامىلە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.


يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز مۇكەممەل ھەم بىرلىككە كەلگەن ياۋروپا نۇقتىسىدا تۇرۇپ روسىيە ئىستىراتېگىيىسىگە مۇئامىلە قىلىش كېرەك دېدى ئۇ يەنە مۇنداق دېدى :‹.ئۇكرائىنا كىرزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىمىز بىزنىڭ نىشانىمىز ۋە ئەمەلىي كۈچىمىزگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك ،ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ ،ياۋروپا كۈچلۈك ئەۋزەللىك بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ›.

 


ياۋروپا ئىتتىپاقى چوققا يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى باياناتتا ،ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقى ،ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتنىڭ ئوكرائىناغا بېرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .باياناتتا يەنە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋەزىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى .ھەمدە روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەرگە مىنسك كېلىشىمنى قەتئىي ئىجرا قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى .

 

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوكرائىناغا تەخمىنەن بىر مىليارد 600 مىليون ياۋرو پۇل مۇئامىلە ياردىمى قەرزى بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بۇلۇپ ،ئۇكرائىنانىڭ كېلىشىمدىكى مەزمۇنلار بويىچە ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قەرز پۇل بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنغان .


ئۇكرائىنانىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا ياردەم مەقسىتى قىلىنغان .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
22-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek