دۇنيا بانكىسى 26- يانۋار 2016- يىللىق خەلقئارا نېفىت باھاسى مۆلچەرىنى ئىلگىرىكى ئوتتۇرچە ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 51 دوللاردىن 37 دوللارغا چۈشۈرگەن ھەمدە يېڭىدىن گۈللنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئېھتىياجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھەر قايسى تۈردىكى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
دۇنيا بانكىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك « ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئىستىقبالى » دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى خەلقئارا نېفىت باھاسى %47 چۈشكەن، دۇنيا بانكىسى 2016- يىلى خەلقئارا نېفىت باھاسىنى يەنە %27 چۈشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. ئەمما دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەردىكى نېفىت باھاسى يىللىق يىغىندا تۆۋەن نۇقتىدىن ئاستا-ئاستا قاڭقىشقا باشلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا بانكىسى مەزكۇر دوكلاتتا يەنە بۇ ئورۇن كۆزەتكەن 46 تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەھسۇلاتى ئىچىدىكى 37 تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ باھا مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باھا مۆلچەرىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى نۇرغۇنلىغان تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئامىلىنىڭ تەسىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ نېفىت ئېكسىپورت قىلىشنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تېز بولۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا تەننەرىخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئامېرىكا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە زور كۆلەملىك قايتا گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ۋە شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەردە ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved