قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تېز ئاشتى
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەڭشەپ، ‹‹تۈرلەرنى تۇتۇش، مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش، كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش››كە كۈچ سەرپ قىلىپ، سانائەت كەسپىنىڭ مۇقىم، تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
قەشقەر ۋىلايىتى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق نۇقتىلىق يۆلەيدىغان كارخانا، كەسىپلەر تىزىملىكىنى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەدەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نەتىجىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 16 مىليارد 21 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.51 ئاشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved