ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: قورغاس شەھىرى «يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى›› بەش يىللىق تەييارلىقتىن كېيىن 18-ئاپرېل سىناق تىجارەت باشلىدى.
قورغاس «يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى››نىڭ باش دىرېكتورى جىن شىڭجۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ سودا شەھەرچىسىگە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 700 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، 2400 دىن ئارتۇق سودىگەر ئاۋاز قوشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، يىللىق سېتىش مىقدارى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان 18 داڭلىق كارخانىنىڭ بەش خىل مېتال، توقۇمىچىلىق، تۈرلۈك ماللار، ئويۇنچۇق قاتارلىق 400 ~ 500 مىڭ خىل مەھسۇلاتى قويۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى 15-ئاۋغۇست رەسمىي ئۇل سېلىنغان، 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان قورغاس ‹‹يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى›› نىڭ پىلاندىكى يەر كۆلىمى 155 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 320 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 10 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق دۇكان بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved