بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 6-ئۆكتەبىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى چېگرا شەھەر بازىرى ئەين ئەل ئەرەب بازىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەمدە پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشى، قازا قىلىشى ۋە يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى ئەين ئەل ئەرەبكە ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشى، قازا قىلىشى ۋە يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كۆپلىگەن كىشىلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە قېچىپ باردى. «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى سۇرىيە بىلەن ئىراقنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى پاجىئەلىك بىلەن ئىگىلىۋالغاندىن كىيىن، كىشىلىك ھوقۇققا ئاشكارا ھالدا چوڭ كۆلەمدە دەخلى يەتكۈزۈپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىقتىدارى بار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەين ئەل ئەرەبدىكى پۇقرالارنى قوغدىنىشنى جىددىي مۇراجەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved