ئېلىمىزنىڭ نېگىرىيەگە ئېكسپورت قىلغان تۇنجى يېڭى تىپتىكى چارلىغۇچى پاراخوتى 27-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا جياڭسۇ ئۆلكىسىدە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى پاراخوت گۇرۇھىنىڭ 21-ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان ھۆددىگە ئېلىپ ياسىغان ئەڭ چوڭ تونناجلىق ھەربىي سودا ئۇرۇش پاراخوتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نېگىرىيە كېڭەش پالاتاسى رەئىسىنىڭ رەپىقىسى، پايتەخت رايونى مىنىستىرىنىڭ رەپىقىسى ۋە نېگىرىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى پاراخوتنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. نېگىرىيە ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، نېفىت زاپىسى ساقلانغان ئاساسلىق ئورنى بولغان گۋېنىيە قولتۇقى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا، بۇ پاراخوتنى نېگىرىيە دېڭىز ئارمىيەسى زاكاس قىلغان بولۇپ، نېفىتلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش، دېڭىزدا چارلاش ئىلىپ بېرىش، بېلىقچىلىق كېمىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش، دېڭىز ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش، ئاختۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش، ھەمدە بۇلغىمىلارنى كونتىرول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئىشقا كىرىشكەندىن كىيىن نېگىرىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئىلغار پاراخوتىغا ئايلىنىدۇ.
پاكىستان ھەربىي تەرەپ شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 23-مارت پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
|
مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ تۇنجى ئاياللار ‹‹ئالاھىدە قىسمى›› بولغان ‹‹قار بۈركۈتى ئاياللار جىددىي ئەھۋال تارماق ئەترىتى›› 11-مارت شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved