جاھان ئاگېنتلىقى 25-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما، ئافغانىستاندىكى 9 مىڭ 800 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بۇ يىل ئاخىرىغا قەدەر ئافغانىستاندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدنتى بىراك ئوباما، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى بىلەن ئاقسارايدا ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ياردەمچىسى Joe Biden، ئاقساراي دۆلەتلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇسان، ئافغانىستان ئىجرا ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەلاھۇددىن رەببانى قاتناشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلدى.
ئوباما، ئافغانىستاننىڭ ھازىرمۇ خەتەرلىك بىر رايۇن بولۇپ داۋاملىشۋاتقانلىقىنى ۋە ئىسيانچىلارنىڭ ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇملىرى بىلەن پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئوباما، ئافغانىستان پرېزىدېنتى غەنى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىىسملىرىنى تەربىيلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوباما، ئافغانىستاندىكى 352 مىڭ ئافغانستان ئەسكىرىگە 2017-يىلىغا قەدەر تەربىيلەش، ياردەم ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: « 4 يىل بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىدى. بۈگۈن بولسا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانى 10 مىڭدىن ئاز. ئۆتكەن يىلى قىسىملىرىمىزنىڭ چېكىنىشى ھەققىدە ۋاقىت بېكىتىلىشىنى بىلدۈرگەن ئىدىم ۋە ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئافغانىستاندىكى نەتىجىلىرىنى قوغداشتا قارارلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئوچۇق ئىپادىلىدىم. پرېزىدېنت غەنى چېكىنىش جەدۋىلىگە دائىر بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بەردى. ئافغانىستاندىكى گېنىرال جون ۋە دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئەترىتى بىلەن سۆھبەتلەشتىم ۋە ھازىرقى 9 مىڭ 800 ئەسكىرىمىزنىڭ يىل ئاخىرىغا قەدەر ئافغانىستاندا تۇرىشىنى قارار قىلدىم».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved