ئۈرۈمچى شەھرىدىكى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ ئەتىيازلىق قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناش تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىجرا قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىمچە، مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ ئەتىيازلىق قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپتۇ.


   مېترو 1-لىنىيىسىنىڭ تۈگۈن قۇرۇلۇشى، جۇڭگو تۆمۈريول 2-ئىدارىسى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىسلىق قاتناش 1-لىنيەسى قۇرۇلۇشى 05 بۆلىكىنىڭ تۆگەدەڭ-شىنشىڭگەي بېكىتى ئارىلىقىدىكى تىك قۇدۇق قۇرۇلۇش رايونىدا، 16-مارت 1-، 2-تىك قۇدۇقتا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى، 1-تىك قۇدۇقنىڭ 36.7 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولانغانلىقىنى، توغرا لەخمە ئىككى قەۋەتكە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆتۈشمە يول قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆتۈشمە يولنىڭ داۋاملىق كولىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


   ئۇقۇشۇمچە، مېترو 1-لىنىيىسىدە 21 بېكەت (يەتتە بېكەتتە ئالمىشىپ ئولتۇرغىلى بولىدۇ) تەسىس قىلىنىدىكەن. قۇرۇلۇش تەڭرىتاغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يېڭىشەھەر رايونى قاتارلىق تۆت مەمۇرىي رايونغا چېتىلىدىغان بولۇپ، لىنىيە جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ مەركىزىي شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن، جەنۇپتا ئۈچتاشتىن باشلىنىپ شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى، دۆڭكۆۋرۈك، ئاققۇۋۇق، تۆگەدەڭ، تۆمۈريول ئىدارىسى، ئايروپورت قاتارلىق ئادەم نىسبەتەن زىچ رايوندىن ئۆتىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 27.6 كىلومېتىر ئىكەن، 2014-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان 1-لىنىيىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدە شىنشىڭگەي، شىمالىي يىكەنكۆل يولى، ۋاڭجيالياڭ، سەككىز قەۋەت، سۇساي، جۇڭيىڭگوڭ، شياۋشىگو، تۆمۈريول ئىدارىسى، تەنتەربىيە مەركىزى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، مەرھابا يولى ئېغىزى، سەنگوڭ، شەھەردۆڭ، چوڭ قۇمۇشكۆل، خەلقئارا ئايروپورت قاتارلىق 15 بېكەت بار ئىكەن. پۈتۈن لىنىيىدە ئاققۇۋۇق، سەككىز قەۋەت، ۋاڭجيالياڭ بېكەتلىرىدە ئاستىدىن قېزىش ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلۇش قىلىنغاندىن باشقا، قالغان بېكەتلەردە ئۈستىدىن قېزىش ئۇسۇلى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
17-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
شىنخۇا تورى خەۋىرى. ئامېرىكا «ئاپتوموبىل خەۋىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېسلا بۇ يىل بىرىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېسلا بىرىنچى پەسىلدىكى كىرىمى 1 مىليارد 100 مىليون دوللار بولۇپ، بۇل...
16-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 14- چېسلا كەچتە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر يۈك ماشىنىسى نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئالغان موتسىكلىت بى...
16-05-2016
مۇخبىرىمىز لى كەي خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىر 9-ماي «ئالى» ساياھەتچىلىكى، «شيېچېڭ» تورى ۋە جەنۇب ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى، خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە تور بېكەتلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي، خاڭجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق...
15-05-2016
ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىسىدا يېڭىدىن «شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» ئالاھىدە تېز پويىزى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ قېتىم جەمئىي 3 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كۈندۈزى ...
15-05-2016
سەنلىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ گاز قويۇپ بېرىشتا ساختىلىق قىلىش سەتچىلىكى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، يېقىندا نىسسان سەنلىڭنىڭ 34پىرسەنت پېيىنى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەگەر ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالىسا نىسسان ئاپتوموبىل گۇرۇھى سەنلىڭنى كونترول ...
15-05-2016
سىنا تورى بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، BMW شىركىتىنىڭ يىللىق پايچىكلار يىغىنىدا، BMW شىركىتىنىڭ مۇدرىيەت رەئىسى Harald Kruger شىركەتنىڭ كەلگۈسىنى تونۇشتۇردى، ئۇ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار ئاپتوموبىلى توغرىسىدا تو...
15-05-2016
5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، مەملىكەتتىكى تۆمۈر يوللاردا يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلدۇ. بۇ قېتىمقى تەڭشەش ئون يىلدىن بۇيانقى دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق پويىز قاتناش خەرىتىسىنىڭ تەڭشىلىشى ئىكەن، شۇنداقلا توشۇ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈر يول يولۇچىلار تىرانسپورت ئورنى قىسمەن يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتىنى تەڭشىگەن.7-ئاي...
14-05-2016
ۋولۋو S90 ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ، جۇڭگودا ئىشلەنگەن S90L نويابىردا بازارغا سېلىنىدۇ نۇر تورى تەرجىمىسى: تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوللاردىن ئىگىللىشىچە، ۋولۋونىڭ پۈتۈنلەي يېڭى بايراقدار پىكاپى S90 ئىيۇلنىڭ ئاخىرى...
14-05-2016
       نۆۋەتتە ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى بەكلا قىسقا دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان BMW i3 نىڭ 2017 نۇسخىسىغا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ چوڭ سىغىمدىكى باتارىيە گۇرۇپپىسى سەپلىنىدۇ. يېقىندا يېڭى ماشىنىنىڭ ئورگان سۈرىتىمۇ ت...
Powered by Leglek