جۇڭگو خەۋەر تورى 30-ئىيۇل خەۋەر قىلىدۇ: چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى دېيىشىچە، ئامېرىكا ئىراققا 5000 دانە «دوزاخ ئوتى» (Hellfire) باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان، ئومۇمىي قىممىتى 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان بولۇپ، ئىراق شىئە مەزھىپىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئىشغال قىلۋالغان زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
ھازىرغا قەدەر، ئىراققا ئەسكەر چىقىرىشتا ئىزچىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىراققا نەچچە يۈز دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياردەم قىلغان ئىدى.
بۇ بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئەڭ چوڭ كۆلەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىش پىلان، ئىراق ئارمىيىسى AC-208 ۋە باشقا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدا بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتالايدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھەمكارلىق ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىىشىچە، ئىراققا 5000 دانە AGM-114K/N/R «دوزاخ ئوتى» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا ئالاقىدار ئەسلىھە، زاپچاس، مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئارقا سەپ ياردىمى تەمىنلەشنى پىلانلىغان، ئومۇمىي قىممىتى 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ لايىھەنى تەستىقلىغان، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ قورال-ياراق سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ئىراققا 466 دانە «دوزاخ ئوتى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تاپشۇرۇپ بەرگەن، بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان ئىراققا جەمئىي 780 دانە تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت 366 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 8-ئايدا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.
ئىراق سۈننىي مەزھىپىدىكى قوراللىق كۈچلەر پايتەخت باغدانىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved