كىچىك باچچان ئابىشېك

ئابىشېك باچچان. ئاكتىيور.1976-يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان.


خەنزۇچە ئىسىم يېىزلىشى阿布舍克。巴强


abhishek bachchanئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشى:


دۆلەت تەۋەلىكى : ھىندىستان


تۇغۇلغان ۋاقتى :1976-يىلى 5-ئاي


كەسپى: ئاكتىيور


دادىسى : ئامىتاب باچچان( بوللىۋود چوولپىنى ، ھىندىستان كىنو ئاتىسى)


ئاپىسى:جايا باھادۇر ( كىنو چولپىنى ، شاتلىققا يۇشۇرۇنغان قايغۇ فىلىمىدە شاھرۇلخاننىڭ ئاپىسىنىڭ رولىنى ئالغان ئايال)


ئايالى: ئاشۋارىيا راي ( ھىندىستان گۈزىلى ، كىنو چولپىنى)


ئۇنىڭ يەنە بىر سىڭلىسى بۇلۇپ ، سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمى، نىھال


ئابىشېك باچچاننىڭ دادىسى كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق زات ئامىتاب باچچان، ئەسلىدە دادىسى ئۇنى ئامرىكىغا سودا كەسپىنى ئۇقۇشقا ئەۋەتكەن. بىراق ئابىشېك ئىزچىل ئاكتىيور بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. كېيىن راستىنلا دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئاكتىيور بولغان، ۋە بوللىۋودتتىكى داڭلىق چولپانلار قاتارىغا كىرگەن.


،‹REFUGE ‹2000-يىلى ناملىق فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئالغاندىن كېيىن نام چىقارغان، ھەمدە ئىلگىرلەپ نۇرغۇن فىلىمدە رول ئالغان. ھەمدە يىللىق باھالاشلاردا ‹ ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى ئاكتىيور‹ئەڭ مۇنەۋەر ئەرئاتىس› قاتارلىق مۇكاپاتلارغا كۆپ قېتىم ئېرىشكەن. ئاڭلاشلارغا قارقغاندا ھىندىستاندىكى نامدار فىلىم ئىشلەش شېركىتىدىن بىرى بولغان ئا. ب. فىلىم ئىشلەش شېركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قىلغاندا ، ئۇ قىيىن ۋەزىپىدىن بىرنى ئۈستىگە ئېلىپ ، شېركەتنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇ ئۆز كەسپىگە پىششىق بۇلۇپلا قالماستى سودا ئىشلىرىغۇ بەك ماھىر ئىكەن. 

 

نىكاھ تۇرمۇشى

 


2007-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ، بىر مەيدان داغدۇغىلىق ، كاتتا توي مۇراسىمى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلدى ، بوللىۋودتتىكى 31 ياشلىق كېلىشكەن يىگىت ، كىنو ئارتىسى ئابىشېك باچچان، دۇنيا گۈزىللى ، ھىندىستان گۈزىلى دەپ نام ئالغان 33ياشلىق ئاشۋارىيا راي بىلەن توي قىلدى. بۇ بىرجۈپلەر ، باشقىلار تەرىپىدىن‹ ھوللىۋودتىكى بۇراد پېتىر ۋە ئەنجىلا جۇلى › دەپ چاقىرىلدىكەن.


ھىندىستاندا . گۈزەل ئاكتىيور ئاشۋارىيا راي مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئالغان ئايال چولپان . 1994-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن، ئابىشېك باچچان بولسا ھىندىستاندا نامى چىققان كېلىشكەن يىگت، ھىندىستان ئاخباراتچىللىرىنى ئۇلارنى ‹ ئابۇ ئاش › دەپ قىسقارتىپلا ئاتىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپلىرىنىڭ بىرىكىمىسى. ھازىرغىچە بۇ ئەر ئايال ئىككىسى نۇرغۇن فىىلىملەردە بىرلىكتە رولغا چىققان. 2012-يىلى ئاشۋارىيا بىر قىز پەرزەنتى تۇغۇپ ، ئامىتاب باچچان بىر نەۋرىلىك قىلدى.

 


كىنو ساھەسىدىكى نەتىجىسى


ئابشېك باچچان كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن كىنو مەستانىللىرىنىڭڭ ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋە كەسپىداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ، ماختىشىغا ئېرىشىپ كەلدى ، ھازىرغىچە ئون نەچچە قېتىم مۇنەۋەر ئەر ئااكتىيور مۇكاپاتىغا، بىر نەچچە قېتىم ياخشى يانداشما رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى ئىشلەنگەن بىر ‹دوست› ناملىق فىلىمدا ناھايتى چوڭ مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەن. .فىلىمدا : مىجەز خارەكتىرى ، ۋە تاشقى قىياپىتى ئوخشاشمايدىغان ئىككى يىگىت، سامار ۋە كۇنار ئىجارىگە ئالدىغان ئۆي ئىزدەيدۇ. نەتىجىدە ئىككىسى ئوخشاش بىر ئۆينى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ھەم شۇ سەۋەبتىن ئۆي تالىشىپ ئرۇشۇپ كېتىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىلىسىگە ئىجارىگە بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر ياتاق ئۆيدە ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزى تۇرىدىغان بۇلۇپ ، يەنە بىر ياتاق ئۆينى باشقا بىر قىز بالىنى تېپىپ ئىجارىگە بېرىش نىيىتىدە ئىدى. ئۆي ئىجارە ئېلىش تەس بولغانلىقتىن ، سامار بىر چارە ئويلاپ تاپىدۇ، بۇ چارە دەل كۇنار بىلەن ئىككىسى بىر جۈپلەرنىڭ رولىنى ئېلىۋېىلىش ئارقىلق ئۆيگە ئىجارە ئېلىش ، كېيىن ئۇلار تەڭلا ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

 


تۆۋەندە ئابىشېك باچچان رول ئالغان اىلىملەرنىڭ ئەسلى ئىسمى، ئالغان رولنىڭ ئىسمى ۋە يىلنامىسى بېرىلدى:
《 Ta Ra Rum Pum 》 (2007) ...(rumored)


《 Shoot Out at Lokhandwala 》 (2007) ...Abhishek Mahatre


《 Sarkar 2 》 (2007) ...Shankar Nagare


《 Guru 》 (2007) ...Gurukant Guru Desai


《 Jhoom Barabar Jhoom 》 (2007) ...Rikki Thukral


《同名同姓 The Namesake 》 (2006) ...


《 Vasundhara 》 (2006) ...


《 Dhoom 2 》 (2006) ...Jai Dixit


《 Alag: He Is Different.... He Is Alone... 》 (2006) ...Special Appearance (Song)


《 Fanaa 》 (2006) ...


《 Umrao Jaan 》 (2006) ...Nawab Sultan


《 Kabhi Alvida Naa Kehna 》 (2006) ...Rishi S. Talwar


《 Lage Raho Munnabhai 》 (2006) ...Sunny


《班迪与巴卜莉Bunty Aur Babli 》 (2005) ...Rakesh Trivedi/Bunty


《 Autograph 》 (2005) ..


《印度教父Sarkar 》 (2005) ...Shankar Nagre


《十十反恐 Dus 》 (2005) ...Shashank Dheer


《我和你Hum Tum 》 (2004) ...Sameer (Special Appearance)


《 Dhoom 》 (2004) ...ACP Jai Dixit


《 Dhoom 》 (2004) ...playback singer


《 青春Yuva 》 (2004) ...Lallan


《 Phir Milenge 》 (2004) ...Advocate Tarun Anand


《 Naach 》 (2004) ...Abhinav


《 Rakht 》 (2004) ...Manav

 

《 Run 》 (2004) ...Siddharth


《 Main Prem Ki Diwani Hoon 》 (2003) ...Prem Kumar


《 Kuch Naa Kaho 》 (2003) ...Raj


《 Mumbai Se Aaya Mera Dost 》 (2003) ...Kanji


《 Zameen 》 (2003) ...ACP Jai


《 LOC: Kargil 》 (2003) ...Lt. Vikram Batra,13 JAK Rifles


《 Om Jai Jagadish 》 (2002) ...Jagadish Batra


《 Shararat 》 (2002) ...Rahul Khanna


《 Haan Maine Bhi Pyaar Kiya 》 (2002) ...Shiv Kapoor


《 Desh 》 (2002) ...Anjaan


《 Bas Itna Sa Khwaab Hai 》 (2001) ...Suraj Shrivastav


《 Tera Jadoo Chal Gayaa 》 (2000) ...Kabir Srivastav


《 Dhaai Akshar Prem Ke 》 (2000) ...Karan Khanna


《 Refugee 》 (2000) ...Refugee


《 Bollywood im Alpenrausch 》 (2000) ...Himself (uncredited)

 



مانا بۇيۇقىرقىلار بىز تۇنۇشتۇرۋاتقان ھىندىستانننىڭ كىنو چولپىنى ئابىشېك باچچاننىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپى نەتىجىللىرى .

 



(ھۆرمەتلىك تورداش سىز تېخىمۇ كۆپ داڭلىق چولپانلارنىڭ تۇلۇق تەرجىمھالىنى ئۇقۇپ ئۇلارنى چۈشىنىشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق لەگلەك تورىنىڭ مەشھۇر شەخىسلەر سەھىپىسىدىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇنىدا بولسۇن)



خەتكۈچلەر:
24-03-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: گوگېل تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ناسىپجان مامۇت، قۇرباننىسا كىچىك خەۋىرى، فوتوسى: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىلتاغ يېزىسىدىن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرى خۇيدۇڭ ناھىيەسى «داتوڭ يىڭ» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان 10 ج...
25-04-2016
   ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى بولغان «دۇنيا گېزىتى»نىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق پۇتبول چولپىنى فىگو خانلىق مادرىد كوماندىسىدا بىللە توپ تەپكەن سەپدىشى زىدانىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ناھايىتى ھ...
25-04-2016
    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 24-ئاپرېل تېلېگراممىسى: 24-ئاپرېل، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، جىنجەي ناھىيەسىگە بېرىپ ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 لاردا، ب...
25-04-2016
    ئاۋىستىرالىيە تاراتقۇسىنىڭ 24-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋىستىرالىيەدە بىر ئەر ئايرودرومدا چاقچاق قىلىپ ئوغلىنىڭ يۈك-تاقى ئارىسىدا پارتلاتقۇچ بومبا بار دېگەنلىكتىن، 2500 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى (تەخمىنەن 12500 يۈەن) جەرىما...
25-04-2016
     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، نەنجىڭ، شۇ كۈنى بىر ئەر بىنادىن يىقىلىپ پەستىكى چاتقاللىق ئارىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، 110 ۋە 120 قاتارلىق تارماقلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ ب...
25-04-2016
ياپونىيە سايتاما باغۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىساد ئىلمى دوكتورى ئەخمەت نىياز ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مۇدىر دىكتور ماھىنۇر ئەخمەت    &n...
24-04-2016
ئەدەبىياتشۇناس ئازات سۇلتان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى خەۋىرى، ئەيبۇ ياقۇپ فوتوسى:      پېشقەدەم ئەدىب، ئەدەبىي تەرجىمان، مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى، قابىل تەشكىلاتچى مۇھەممەد شا...
24-04-2016
    ساننىي دېئولنىڭ ئەڭ يېقىنقى فىلىمى 2-ئايدا قويۇلدى. كەلگۈسى پىلانى توغرۇلۇق توختالغاندا ساننىي دېئول ئوغلى كاراننىڭ بوللىۋود ھاياتىنى باشلاشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.     «بۇ فىلىمدىن كېي...
24-04-2016
    دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئاز بولمىغان رەھبەرلەر پۇتبولنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، ئۇلار يەنە پۇتبول مەستانىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، كۈندىلىك خىزمەت بىلەن ناھايىتى ئالدىراش يۈرىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە، كىم پۇتبول...
24-04-2016
    چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگلىيە ئەدەبىيات پېشۋاسى شېكىسپىر ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 400 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئەنگلىيە شۇ جاي ۋاقتى 23-ئاپرېل كەچ ئىككى مەيدان داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پ...
Powered by Leglek