ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 23-مارت خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 22- مارت 14 مىڭغا يېقىن ئامما توكيودىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئابې شېنزو ھاكىمىيىتى يولغا قويغان ‹‹ بىخەتەرلىك كاپالىتى سىياسىتى ›› ۋە ‹‹ يادرو ئېلېكتىر سىياسىتى ›› گە قارشى نامايىش قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، كىشىلەر پارلامېنت بىناسى ئالدىدا قوللىرىغا ‹‹ NO ئابې شېنزو ھاكىمىيىتى ››، ‹‹ ئابې شېنزو ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرايلى ›› دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹ ياپونىيەنى ئۇرۇش قوزغايدىغان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بولمايدۇ ›› دەپ يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلاپ نامايىش قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved