ئىككى كۈندىن بۇيان ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى شەرقىي جەنۇب بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بوران كۈچى ئاجىزلاپ ئالتە بالغا چۈشىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى شەرقىي جەنۇب بورىنى 15-دېكابىر چۈشتىن باشلاپ چىققان بولۇپ، 17-دېكابىرغىچە بوران تېخىمۇ كۈچىيىپ پەيىتلىك بوران كۈچى 10 بالغا يەتكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى دىياۋپىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،يەر شەكلى ۋە ھاۋا بېسىمىنىڭ ناچارلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا قىش پەسلىدە شەرقىي جەنۇب بورىنى بىر قەدەر كۆپ چىقىدىكەن. ئەمما ئۇدا ئۈچ كۈن بوران چىقىدىغان ئەھۋال ئاز ئۇچرايدىكەن. ئاۋۋالقى كۈنلەردە ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق قار ياغقانلىقتىن يەر يۈزىدە يىغىلىپ قالغان قار بىر قەدەر قېلىن بولۇپ كەتكەچكە بوراننىڭ قارلارنى ئۇچرىتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قاتتىق بوران 19-دېكابىر توختايدىكەن. 20-دېكابىر كېچىدە ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن. قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرھال قار يېغىپ، تۆت بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا بارا-بارا تۆۋەنلەيدىكەن. شۇنىڭغا ماس ھالدا كېلەر ھەپتىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃20-قا يېقىنلىشىدىكەن.
![]() |
4-ئاينىڭ 26-كۈنى، چېخنىڭ لىبېرېس ھايۋاناتلار باغچىسى، يېڭى تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بىر ھىندىستان ئاق يولۋىسى ئەسنەۋاتقان بولۇپ، تۇرقى ناھايىتى ئوماق ئىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved