يەر شارى خەۋەر تورى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا پورت سەئىد سوت مەھكىمىسى، 74 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان تەنتەربىيە مەيدانى ۋەقەسى ھەققىدىكى داۋادا سوتقا تارتىلغان 11 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئارخىپنى قاراپ چىقىشى ئۈچۈن مىسىر مۇپتىسىغا ئەۋەتتى.
مىسىر قانۇنىغا ئاساسەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارنى مەھكىمە ھەيئىتى چىقىرىدۇ. مۇفىتىنىڭ قارىشى مەھكىمىگە مۇناسىۋەتسىز. يەكشەنبە كۈنى سوتچى مۇھەممەد سەئىد مۇھەممەد باشچىلىقىدا سوت ئېچىلىپ، جەمئىيەتتە «پورت سەئىد قىرغىنچىلىقى» دەپ تونۇلغان داۋادىكى ئاخىرقى قارارنىڭ 30-مايدا ئېچىلىدىغان سوتتا بېكىتىلىشى قارار قىلىندى.
پورت سەئىد مەھەللىسىدە 2013-يىلى 1-مارتتا تەنتەربىيە گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدىكى پۇتبول مۇسابىقسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە 74 كىشى ئۆلگەن. يۈزلىگەن كىشى يارىلانغان. بۇ ۋەقە مىسىر مېدىياسىدا «پورت سەئىد قىرغىنچىلىقى» دەپ تونۇلغان.
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا مىسىر دۆلىتى مارشال ھۈسەيىن تەنتاۋى رەھبەرلىكىدىكى ئالى ھەربىي كومىتىت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتاتتى.
پورت سەئىد سوت مەھكىمىسى 2013-يىلى يانۋاردا بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار سوتلانغان 73 گۇمانداردىن 21 ىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. 28 كىشى ھەققىدە كەچۈرۈش قارارى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 45 كىشىنى 1 يىلدىن 25 يىلغا قەدەر قاماق جازاسىغان ھۆكۈم قىلغان.
مىسىر سوتى، 2014-يىلى 6-فېۋرالدا پورت سەئىد داۋاسىدا 62 كىشى ھەققىدە بېرىلگەن قارارنى بىكار قىلىپ، سوتنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى قارار قىلغان ئىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved