شى جىنپىڭ ‹‹ئالتۇن كېسەك›› دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئىيۇل بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزا شەھىرىدە ‹‹ ئالتۇن كېسەك ›› دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەمدە ‹‹ يېڭى باشلىنىش ، يېڭى مەنزىل ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى

 


شىنخۇا تورى ، بىرازىلىيە فورتالېزا، 15-ئىيۇل تېلېگراممىسى : ‹‹ئالتۇن كېسەك ›› دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشى بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى . بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ‹‹ سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەل قىلىش لايىھەسى ››نى چۆرىدەپ ، نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ، خەلقئارا سىياسىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .


شى جىنپىڭ ‹‹ يېڭى باشلىنىش ، يېڭى مەنزىل ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى . ئۇ سۆزىدە ‹‹ئالتۇن كېسەك›› دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، جۇڭگونىڭ ‹‹ ئالتۇن كېسەك ›› دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا داۋاملىق قاتنىشىپ ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .


شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى : ‹‹ ئالتۇن كېسەك ›› دۆلەتلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان زور خەلقئارالىق ۋە رايون مەسىلىلەردە ئورتاق ئاۋاز چىقىرىپ ، كۈچ چىقىرىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، يەر شارى ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى مۇھىم كۈچ ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ .


شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ‹‹ ئالتۇن كېسەك ›› دۆلەتلىرى ئېچىۋېتىش ، كەڭ قورساق بولۇش ، ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىش روھى بويىچە ، ئۆتكەن بەش يىللىق تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا ، يېڭى ھەمكارلىق رامكىسىنى پىلانلاپ ، تېخىمۇ قويۇق ، تېخىمۇ ئەتراپلىق ، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك .



خەتكۈچلەر:
17-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek