ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئالتىدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئاز سانلىق ئورۇننى ئىگىلەشتىن كۆپ سانلىق ئورۇن ئىگىلەشكە ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلەپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن تۈزۈش سېستىمىسى ئىچىدە دېگىنىنى قىلىدىغان بولدى.
بۇ خىل ئەھۋالنى ئەڭ قۇبۇل قىلالمايدىغىنى دېمۇكىراتلار پارتىيىسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ باراك ئوباما بولۇپ، ئۇ مەمۇرىي سېستىمىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىنكى ئىككى يىلدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئوڭايسىز ھالەتتە قالىدۇ، ئامالسىز ھالدا ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق ئىشتا دۆلەت مەجلىسى ئۇنىڭ بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال زور دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا مۆلچەر ئىچىدە ئىدى.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئافرىقىلىقنىڭ پۇشتىدىن بولغان زۇڭتۇڭى، بۇ بىر تارىخى مۆجىزە. پەقەت 2008-يىلىدىكى سايلام رىقابىتى باسقۇچىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆز قابىليىتى، جەلپ قىلىش كۈچى، چاقىرىق كۈچى بىلەن بىر خىل ئىشەنچ ھەتتا قارغۇلارچە چوقىنىشنى نامايەن قىلدى. نۇتۇقنىڭ ئۆزى ئەمەلىي كۈچ، بۇ ئارقىلىق كۆپ ساندىكى ئاممىنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ، توسالغۇ كۈچلەرنى تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارىدى.
2009-يىلىنىڭ باشلىرىدا ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن، ئوباما بىلەن دېمۇكىراتلار پارتىيىسىدىن بولغان دۆلەت مەجلىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى داۋالاش سۇغۇرتىسى سېستىمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. سايلام رىقابىتى مەزگىلى ۋە 1-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي كىرىسىز پاتقىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن تىركەشتى، ئامما ئىسلاھ قىلىشقا ۋە زۇڭتۇڭغا زور ئۈمىد باغلىدى، بۇ ئۈمىد داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى، ئىراق ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈمىدىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئۈمىد قانچىكى زور بولسا ئۈمىدسىزلىنىشمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى دېمۇكىراتلار پارتىيىسىدىن بولغان زۇڭتۇڭنى «رادىكال» دەپ قارىدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە باشقا بىر قۇتۇپتا بولۇپ، ئۆزلىرى رادىكاللىققا قاراپ يۈزلىنىپ، قارشلىشىشنى ۋاستە قىلدى، ئاقىۋەتتە سىياسىي سەھنە، جەمئىيەت، خەلق رايى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى.
سىياسىي سەھنىدە جانلىق ھەرىكەتلىنىۋاتقان بىر جۇڭگولۇق زات ئەزەلدىن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، ئىككى پارتىيىنىڭ نامزاتلىرىنىڭ مەبلەغ توپلاش، سايلام رىقابىتىگە ياردەملىشىدىغان خادىملارنى تەشكىللاش، سايلام رىقابىتى ھۆججەتلىرىنى لايىھىلەش، سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەملىشىپ كەلدى. بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كەلگەن تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالدى، تېلىفوندا ئۇ «رادىكال» دەپ ئەيىبلەندى، شۇندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر تېلىفون تاپشۇرۇۋالدى.
بۇ تېلىفون دېمۇكىراتلار پارتىيىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇنى «رادىكال» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1- تېلىفوننى ئالغاندا، ئۇ بىزە ئويلىنىپتۇ؛ 2- تېلىفوننى ئالغاندا ئۇ ئەكسىچە ئەندىشىدىن خالاس بوپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تېلىفون ئىككى پارتىيىدىكى رادىكال ئەربابلاردىن كەلگەن. مەن ئۆزەم مۆتىدىل ۋە بىتەرەپ. شۇڭا مېنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىم خاتا ئەمەس.
ئىككى قۇتۇپلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەر قانداق بىر پارتىيەدە رادىكاللار تېخىمۇ رادىكال بولۇشقا يۈزلىنىدۇ، مۆتىدىللەر پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا ئارىلىقتا قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىلگىرىكى زۇڭتۇڭلار - دېمۇكىراتلار پارتىيىسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ كېلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ بۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوبامانىڭ سىياسىي ئېدېئولوگىيەسى ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس. ئۇ سايلام رىقابىتى باسقۇچىدا مۇتەخەسسلەر ئۇنى سۇيئىستىمالچى دەپ بېكىتكەن، دېمۇكىراتلار پارتىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى بۇ بىر نەچچە يىلدا نەزەرىيە جەھەتتە ھىچقانداق تۆھپە قوشالمىدى.
بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، ئوباما تاراتقۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا بەزى ئىرقى سىياسەت توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تىلغا ئېلىپ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالغان بىر سوتچىسىنىڭ سۆزىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سوتچىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ رېگان ۋەزىپىگە قويغان، بۇ سوتچى ئۆز ئىختىيالىقى بىلەن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن مەلۈم بىر شتاتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
رېگان زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئەينى يىللىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىككى پارتىيەنىڭ قارشىلىشىش دەرىجىسى ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى؛ ئېدېئولوگىيە قارشىلىقىمۇ تېخىمۇ كۆپ جەھەتتىن چەتئەلگە قارىتىلغان بولۇپ، شەرق غەرپ لاگېرى ئارىلىقىدا گەۋدىلىنەتتى. ئۇ چاغلاردا ئوباما تېخى ئوقۇغۇچى بولۇپ، نۇتۇق قابىلىيىتىنى مەشق قىلىپ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۋاتقان بولىشىمۇ مۈمكىن.
نۇتۇق قابىلىيىتى جەھەتتە ئۇ دەسلەپكى قېتىم سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا قىلغان نۇتۇقى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، 6 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، بۇ خىل كۈچ ئۈزۈل كېسىل كۈچىنى يوقاتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved