ئالما شىركىتى ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئەرزان تېلېفون ئىشلەپچىقارماقچى

جۇڭگو گېزىتى تورى 21-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن راھىلە تەرجىمىسى)

ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تورىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى 2014-يىلى iPhone 6 نى ئېلان قىلغان چاغدا، چوڭ ئېكرانغا يۈزلىنىش ھەرىكىتى ئالما شىركىتىنى ئالما كارخانا تارىخىدىكى ئەڭ ھوسۇللۇق سودىگەرگە ئايلاندۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ شىركەتiPhone  سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىشتەك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن، شۇڭا تېخىمۇ كىچىك، تېخىمۇ ئەرزان بولغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىلىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.

شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە، ئالما شىركىتى تۆت دىيۇملۇق  iPhone 5E نى ئېلان قىلىشنى مۆلچەرلىگەن. بۇ 2012-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان iPhone 5 تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا ئىكەن. ئەمما Apple Pay، تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېلكامىرا ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن. شىركەت يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد iPad (بۇلتۇرpro   iPad غا ياندىشىپ چىقىرىلغان ئوخشاش تىپتىكى كونۇپكا تاختىسى ۋە Pencil زاپچاسلىرىنى قوللايدىكەن) ھەمدە Apple Watch سائەت باغلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى iPhone نى ئېلان قىلىش ۋاقتى بۇرۇنقىدىن سەل پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئالما شىركىتى 2007-يىلى تۇنجى ئەۋلاد iPhone نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ھەر يىلى ئىيۇندا يېڭى بىر ئەۋلاد مەھسۇلاتنى بازارغا سالاتتى. 2011-يىلى iPhone 4S نى بازارغا سالغاندىن كېيىن، ھازىرىقى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان كۈز پەسلىگە ئالماشقان. بۇ قېتىملىق پۈتۈنلەي يېڭى تىپتىكى بايراقدار ئەقلىفونلارمۇ بۇ يىل سېنتەبىردە بازارغا سېلىنىدۇ.

Above Avalon يەنى ئالما شىركىتىنىڭ تەھلىل قىلغۇچىسى نېيىل سىيبارت:« يېقىنقى مەزگىلدە ئالما شىركىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قېلىپتىن چىقىپ يېڭىلىق يارىتىشى iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۆلچەرى بىلەن ئوخشىمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.  



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek