ھۆكۈمەت ئورگانلىرى سېتىۋالىدىغان كومپىيۇتېرلارغا Win8 قاچىلاشقا بولمايدۇ

مىكروسوفىت تەرەپ 2014 – يىلى 4- ئاينىڭ 8 – كۈنى Windows XP سىستېمىسىغا بولغان قوللاشنى توختاتقان بولسىمۇ، بىراق Windows XP ھازىرغىچە پۈتكۈل يەرشارىدىكى 24.41% ئۈستەل يۈزلۈك كومپىيۇتېر بازىرىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى XP ئابونىتلىرى نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ 50% تىن ئاشىدۇ! مىكروسوفىتنى گاڭگىرىتىپ قويىۋاتقنى XP نى بازاردىن چېكىندۈرۈشنىڭ قىيىن بولىشىلا ئەمەس Win8/Win8.1 سىستېمىلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ تەسكە توختىتىشى بولىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە Win8 سىستېمىسىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى 12% گىمۇ يەتمەيدۇ.

 

دۆلىتىمىز بازىرىغا نىسبەتەن مىكروسوفىت دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن مەسىلە: مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى سېتىۋالىدىغان كومپىيۇتېرلارغا Win8 سىستېمىسىنى قاچىلاشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش. ئۇقتۇرۇشنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:

"مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى سېتىۋېلىش مەركەزلىرىگە مۇھىم ئۇقتۇرۇش"

 

ئۇچۇر تۈرىدىكى كىلىشىملىك تەمىنلىنىدىغان تىجەلمە ئېنېرگىيلىك تولۇقلىما مەھسۇلاتلارغا سودىگەر چاقىرىش ھەققدىكى ئۇقتۇرۇش.

بۇ قېتىمقى كىلىشملىك تەمىنلىنىدىغان تىجەلمە ئېنېرگىيلىك مەھسۇلاتلارغا قارىتا تولۇقلاش خاراكتېرلىك سودىگەر چاقىرىلىدۇ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك :

 

1. سودىگەر چاقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلار خاتىرە كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر، ئۈستەل كومپىيۇتېرى، بىر گەۋدە ئۈسكۈنە، لازېر نۇرلۇق بېسىش ماشىنىسى، تەكشى تۈرتۈلمىلىك بېسىش ماشىنىسى، غالتەكسىمان بېسىش ماشىنىسى قاتارلىق 7 خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ھەربىر مەھسۇلاتنىڭ سېتىۋىلىنىش سانى ۋە ئۆلچەملىرىنى قوشۇمچە جەدۋەلدىن كۆرۈڭ).

 

2. نىشانلىق سىتىۋىلىنىدىغان بارلىق مەھسۇلات تىپلىرى چوقۇم ئەڭ يېڭى تىجەلمە ئېنېرىگىيلىك مەھسۇلات جەدۋىلىدىكى مەلۇماتلار بىلەن بىردەك بولىشى كېرەك(تىجەلمە ئېنېرىگىيلىك مەھسۇلات جەدۋىلىدە تەپسىلىي سەپلىمىلەر تەمىنلەندى، بارلىق سەپلىمىلەر چوقۇم بىردەك بولىشى شەرت.)

 


3. نىشانلىق سىتىۋىلىنىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلار ئۈچۈن سودىگەر تەرەپ ئاساسلىق ئېلىكتېر بۇيۇملىرى سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئادرىسلىرىنى تەمىنلىشى، بازاردا ئوخشاش ئۆلچەمدىكى مەھسۇلات تېپىلمىغان ئەھۋالدا، باراۋەر سەپلىمىدىكى(ياكى جەدىۋەلدىكى سەپلىمىدىن سەل تۆۋەن بولغان) مەھسۇلات سېتىش تور ئادرېسىنى تەمىنلىشى كېرەك. نىشانلىق سىتىۋىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سىتىۋېلىنىش باھاسى شۇ مەھسۇلاتنىڭ نۆۋەتتىكى بازار باھاسىدىن يۇقىرى بولماسلىقى شەرت.

4. بىرەسمىي نۇسخىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ رەسمىي نۇسخى بازارغا سېلىنغاندا ئالماشتۇرشقا بولىدۇ، نۆۋەتتە بىرەسمىي مەھسۇتلارنى داۋاملىق سېتىش زۆرۈر بولسا ئايرىم جەدۋەل تولدۇرۇش كېرەك.


5. بارلىق كومپىيۇتېر تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا  Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاشقا بولمايدۇ.

 

6. توردا نىشانلىق سىتىۋىلىش سىستېمىسى ئېچىلىش ۋاقتى2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى 14:00 دىن 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى 17:00 گىچە.مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش شىركەتلىرى ۋاقتىدا  نىشانلىق سېتىۋېلىش سىستېىسىغا تىزىملىتىپ، سالاھىيەت ئىلتىماس قىلىشى ۋە مەھسۇلات تاپشۇرىشى كېرەك.

 

7. بىرەسمىي مەھسۇلاتلار سېتۋىلىش مەركىزىنىڭ تور دۇكىنىدا سېتىلىدۇ. تاللانغان تەمىنلەش شىركەتلىرى ياخشى ماسلىشىش كېرەك.

                                  

  مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگىنى سېتىۋېلىش مەركىزى

                                       

 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى



خەتكۈچلەر:
21-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «دەۋر ژۇرنىلى» يېقىندا ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 50 نۇسخىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار كامېرا، تېلېۋېزور، مۇزىكا قويغۇچ، ئەقلىي يانفۇن، ئۇچ...
04-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سامسۇڭ پۇختا تېخنىكىسى ۋە غايەت چوڭ مەھسۇلات لىنىيەسىگە تايىنىپ، يەر شارى يانفون مال چىقىرىش مىقدارىدا بىرىنچىلىك ئورنىنى ئىگەللىدى. گەرچە كەينىدىن يېتىشىۋالغان ئالما خىرىس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ...
04-05-2016
    نۆۋەتتە سامسۇڭ Galaxy Note6 توغرىسىدىكى خەۋەر كۆپىيىشكە باشلىدى، لېكىن بۇ يانفوننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، ئېلان قىلىش ۋاقتى، سەپلىمىسى قاتارلىق تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان فوكۇس نۇقتىغا ئايلاندى، ھەر قېتىم يېڭى ئاشكارىل...
04-05-2016
    بىر خەلقئارا ئاسترونوملار ئەترىتى 2- ماي تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ تور نۇسخىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز يەر شارىدىن 40 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى پەتەك يۇلتۇز ئەتراپىدا چوڭ-كىچىكلىكى يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئ...
04-05-2016
    كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى تەڭ ئىئونلۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېۋىزورى ئېھتىمال خاككېرلارنىڭ، ھەتتا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى كۆزىتىشىگە ھەمدە شەخسىي مەخپىيەتلى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 2-ماي، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان قۇياش نۇرى قۇۋۋىتى 2- نومۇر دۈشەنبە كۈنى سەھەردە پىلان بويىچە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىن ئايرىلىپ، 16 ...
03-05-2016
     ئالدىنقى ھەپتە، ئەنگىلىيەنىڭ ئاخبارات ئورگىنى ھۆكۈمەت تېلگىراف باش شىتابى GCHQ ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچىدە بىر ئېغىر يوچۇقنى بايقىدى. ھازىر GCHQ ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا 20 گە يېقىن يوچۇقنى ئوڭشاشقا ياردەم قىلغانلىقى، ب...
03-05-2016
    خۇاۋېي روڭياۋ ئائىلىسىدىكى V8 ناملىق يېڭى يانفوننى ئېلان قىلىش يىغىنى 10-ماي بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. بۈگۈن خۇاۋېي ھەر قايسى تاراتقۇلارغا بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئەۋەتىشنى باشلىغان. تەكلىپنامە ئۈ...
02-05-2016
    بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى نۆۋەتتە بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردا دېگۈدەك كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارىدىمۇ ئۈزلۈكسىز دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ. يىقىندا، LG شىركىتى ئەينەكتىن تۈزۈ...
02-05-2016
   شىياۋمى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزىنىڭ چوڭ ئېكرانلىق يانفونى شىياۋمى Max نى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىللە ئېلان قىلىدىغان يەنە بىر يېڭى مەھسۇلاتى بولسا، 2-ئەۋلاد شىياۋمى بىلەيزۈكى. ئىلگىرى شىياۋمى قۇرغۇچىسى لېيجۈن بىلەن ئ...
Powered by Leglek