جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ 11-چېسلا چۇڭچىڭ شەھەرلىك قاتناش يول يۈرۈش قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:20 ئەتراپىدا، شاڭخەيدىن چوڭچىڭغا بارىدىغان خۇيۈ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شەھەردىن چىققاندىكى 1688 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە، ئىككى ماشىنا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە بەش ئادەم قازا قىلىپ ئون ئادەم يارىلانغان.
قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك قاتناش يول يۈرۈش قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۆتىنچى تارماق ئەترىتى بىرىنچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، قاتناشنى كونترول قىلغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك قاتناش يول يۈرۈش قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتى چە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، چاڭشوۋ رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى دەل ۋاقتىدا ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، دەرھال قاتناش ھادىسىسىنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىش لايىھەسىنى يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرغان، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.
11-چېسلا سائەت 12:59 ئۆتكەنگە قەدەر، ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە قاتناش ئاللىقاچان ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved