يەر شارى خەۋەر تورى 17-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى باشلىقى يۈسۈف قەرزاۋى، مىسىرنىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىيغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى قارارىغا ئالاقىدار سۆز قىلىپ « بۇ ئۆلۈم جازاسى قارارىنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوق، ئىجرا قىلىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى باياناتچىسى مۇھەممەد مۇنتەسەر، مۇرسى ھەققىدە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى قارارىغا ئالاقىدار، « بۇ قارار تۇنجى دېموكراتىيە تەجرىبىسى ۋە 25-يانۋار ئىنقىلابىنى ئۆلتۈرگەنلىكتۇر، بىز ئىنقىلابىمىزنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىمىز» دېدى.
مىسىرلىق يازغۇچى جامال سۇلتان مۇرسىيغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى قارارى ئارقىلىق پرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مىسىر سوت مەھكىمىسى پايتەخت قاھىرەدىكى ساقچى ئاكادىمىيسى بىناسىدا «جاسۇسلۇق» ۋە «تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىش» جىنايىتى داۋاسىدا مۇرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 106 كىشىنىڭ ئارخىپىنى ،ئۆلۈم جازاسى قارارىغا ئالاقىدار قاراپ چىقىشى ئۈچۈن مىسىر مۇپتىيسىغا ئەۋەتتى. ئەڭ ئاخىرقى قارار 2-ئىيۇندىكى سوتتا ئېلان قىلىندۇ. مىسىر قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈم جازاسى قارار قىلىنىشتىن بۇرۇن دۆلەت پەتىۋا ئورگىنىغا يوللىنىدۇ، سوت مەھكىمىسى مۇپتىينىڭ قارىشىنى ئالغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved