پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئايننڭ 11-كۈنى ئەتىگەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئاخىرىقى تۆت مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندىسىمۇ مەيدانغا كەلدى.
كىچىك گۇرۇپپىدىن چىققان 16 كۈچلۈك كوماندا:
ئا گۇرۇپپا : مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ( ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى)، يۇۋىنتىس كۇلۇبى ( ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى)
ب گۇرۇپپا : خان مادرىد كۇلۇبى ( ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ). باسېل كۇلۇبى ( شىۋىتسارىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى )
س گۇرۇپپا : موناكو كۇلۇبى ( فرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى )، ۋولكوسىن كۇلۇبى ( گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى)
د گۇرۇپپا : دورتمۇند كۇلۇبى ( گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ). ئارسېنال كۇلۇبى ( ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى)
ئې گۇرۇپپا : بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى ( گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ) . مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى (ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى)
ف گۇرۇپپا : بارسېلونا كۇلۇبى ( ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ). پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى ( فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى)
گ گۇرۇپپا : چېلسىي كۇلۇبى . ( ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى) . سالكى 04 كۇلۇبى ( گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى )
خ گۇرۇپپا : بولتۇ كۇلۇبى ( پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى). شاختار دونتسىك كان ئىشچىلىرى كۇلۇبى ( ئۇكرائىنا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى)
شاللىنىپ كەتكەن كوماندىلار ئىچىدە كىچىك گۇرۇپپىدىكى نۇمۇر تاختىسىدا ئۈچىنچى بولغان كوماندا كېلەركى پەسىللىك ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 1/16 شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ. بۇ كوماندىلار : ئولىمپىياس كۇلۇبى. لىۋىرپول كۇلۇبى. زېنىت كۇلۇبى. ئندىراھىت كۇلۇبى. رىم كۇلۇبى. ئاجاكىس كۇلۇبى. لىسبون رىقابەت كۇلۇبى ۋە بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبى قاتارلىقلار.
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسى گۇرۇپپىغا بۈلۈش چەك تارتىش مۇراسىمى شىۋىتسارىيە ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:00 ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش شاللاش مۇسابىقىسى كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 22-مارت، ‹‹ قىزىل كالا قىشلىق سۇغا سەكرەش ›› مۇسابىقىسى قازاقىستاننىڭ شىمبۇلاق شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ماھىرلار قىزىقارلىق كىيىملەرنى كىيىپ، ھەرخىل ‹‹ ماھارەت ›› لە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved