شىنخۇا تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
شىنخۇا تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق بىر ئىش خەۋەر قىلىندى . 4-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولغان دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 828 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي خەلىپە مۇنارىدا پاراشوت بىلەن سەكرەش ئويۇنى كۆرسىتىلدى . فىرانسىيەدىن كەلگەن ئىككى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى مۇنارنىڭ چوققىسىدىن سەكرىدى ، ھەمدە بوشلۇقتا تۈرلۈك ئالاھىدە ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى ، يەر يۈزىگە يېقىنلىشاي دېگەندە پاراشۇتنى ئېچىپ ئاخىرىدا يەرگە ئوڭۇشلۇق چۈشتى .
ئىلگىرىمۇ بىرەيلەن خەلىپە مۇنارىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن ،بىراق بۇ قېتىم بۇ ئىككى پاراشوتچى خەلىپە مۇنارىنىڭ چوققىسىغا 15 مېتىرلىق سۇپا قويغان بۇلۇپ ، بۇ بېكىتىلگەن نۇقتىدىن پاراشوت بىلەن سەكرەشتىكى دۇنيا رېكورتى ھېسابلىنىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ . ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved