لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئەسكەرتىش : 23 -چېسلا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنسى تايلاندتا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈزبەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا تەرەپ تايلاند ھەربىي ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىغان 3 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى توختىتىدىغانلقىنى ، باشقا ياردەملەرنى قايتا ئويلىشدىغانلقنى ئاشكارلىدى . جوڭشىن تورى 5 - ئاينىڭ 24 -كۈنى خەۋىرى ، 23 -چېسلا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنسى تايلاندتا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈزبەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا تەرەپ تايلاند ھەربىي ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىغان 3 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى توختىتىدىغانلقىنى ، باشقا ياردەملەرنى قايتا ئويلىشدىغانلقنى ئاشكارلىدى .
22 - چېسلا تايلاند ھەربىي تەرەپ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىدىغانلىقنى ئېلان قىلدى . ۋاقىتىنچە ئاساسي قانۇننى توختىتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن ھوقۇقنى تارتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە نازارەتچى ھۆكۈمەت ، تايلاند پارتىيسى ، دىموكراتىك پارتىيسى ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغۇچىلار ، دىكتاتۇرىغا قارشى تۇرۇپ دىموكراتىيەنى قوللىغۇچى « قىزىل كۆينەكلىك ئەسكەر »نىڭ ۋەكىللىرىنى كونتىرول قىلدى . ئامېرىكا گوۋۇيۈەندىكى چېكىلى بۇنىڭغا ناھايتى ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكنى بىلدۈردى . بۇ ئامېرىكا تايلاند مۇناسىۋېتىگە سەلبىي تەسىر بىرىدۇ . شۇڭىلاشقا تايلاندقا قىلغان ياردەمنى قايتا باھالاپ چىقىدۇ .
23 - چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ باياناتچىسى مالى ئامېرىكا تەرەپ ھازىر تايلاند ھەربىي ئىشىغا ياردەم قىلىدىغان 3 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى توختاتقانلىقنى بىلدۈردى . بۇ ياردەم چەتئەل ھەربىي ئىشلار ياردەم تۈرى ، چەتئەل ھەربىي ئىشلار مائارىپى ۋە مەشىقلەندۈرىش تۈر ياردىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، چەتئەل ھەربىي ئىشلار ياردىمى مەبلەغ ياكى قەرىز بىرىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا قۇرال يىراقلىرىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم قىلىش . ھەربىي ئىشلار مائارىپى تۈرى بولسا ئامېرىكا ئارمىيسى بىلەن بىرگە ئۈگۈنۈش قىلغاندىكى ھەقىلەر .
خاف مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ھەر يىلى تايلاند ئۈچۈن 10 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىدۇ .
2006 - يىل تايلاندتا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغاندا ئامېرىكا بىر يېرىم يىل ياردەمنى توختاتقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved