ماسساچۇسېتتس تەبئىي پەنلەر ئىنستېتۇتىنىڭ يېقىنقى بىر تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئىككى ئادەم ۋە بىر ماشىنا ئادەمدىن تەشكىل تاپقان ئورتاق غايىگە ئىگە بولغان بىر گۇرۇپپىدا ئادەملەر ماشىنا ئادەمنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرىشىنى بەكرەك خالايدىكەن.
كىشىلەر ماشىنا ئادەمنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرىشىنى خالاپلا قالماستىن ماشىنا ئادەمنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ئادەملەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىكەن. ماسساچۇسېتتس تەبئىي پەنلەر ئىنستېتۇتىنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق دېيىلدى، پۈتۈن ئاپتوماتلىشىش ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن يەنە خىزمەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل. تېخى ئادەم خىزمەتچىلەر ماشىنا ئادەم باشلىق بىزنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ، ئۇ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى گومبولاي (Matthew Gombolay) تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ماشىنا ئادەمگە بەرگەنلىك پۈتۈن ئىش ماشىنا ئادەمنىڭ قولىدا دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ يەنىلا ئادەملەر تۈزگەن پروگراممىلار ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ خىزمەت جەھەتتە پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.
تەتقىقاتچىلار يەنە ئوخشىمىغان ئىككى خىل شارائىت ئاستىدا تەجرىبە ئېلىپ باردى: ساپ ئادەم ھالىتى، بۇنىڭدا پۈتۈن خىزمەتلەر پەقەت ئادەملەر تەرىپىدىن تاماملىنىدۇ. يېرىم ئاپتوماتىك ھالەت، بۇنىڭدا خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى بىر ئادەم ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ، باشقا خىزمەتچىلەر ماشىنا ئادەمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىزمەت قىلىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved