چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ھىندونېزىيەدە بىر ئالاھىدە ئۆي سېتىش ئېلانى غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ ئۆي سېتىش ئېلانى تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن ئەرلەرنى بەكرەك قىزىقتۇرغان.
ئېلاندا ئۆي ئىگىسى ئىككى ھۇجرىسى، ئىككى مۇنچا، ئاپتوموبىل توختالغۇسى ۋە سۇ كۆلچىكى بار تۇرالغۇسىنى ساتماقچى بولغانلىقىنى ۋە ئۆينى چوقۇم ئەر كىشى سېتىۋېلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ تۇرالغۇنى كىم سېتىۋالسا ئۆزىنىمۇ شۇ ئەرگە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆي ئىگىسى ئېلانغا يەنە ئۆز سۈرىتى بىلەن ئۇچۇرلىرىنىمۇ چىقارغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايال 40 ياشتا بولۇپ، بىر پەردازخانىنىڭ غوجايىنى ئىكەن. بۇ ئۆينىڭ باھاسى 999 مىليون رۇپىيە ( 475 مىڭ يۈەن ) ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved