ئاپتونوم رايوننىڭ يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى باشلاندى
رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 20 – ماي ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ(ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى)لەرگە 2015 – يىللىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىپتۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ قېتىم 12 مىڭ 640 ئىش ئورنىغا ئاشكارا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەسلىلەرگە 3568 ئوقۇتقۇچى(قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى)، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 4380 ئوقۇتقۇچى (قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى)، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 821 ئوقۇتقۇچى(قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى)، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 3692 ئوقۇتقۇچى، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىگە 179 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىكەن. تەكلىپ قىلىش خىزمىتى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش، يازمىچە ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئىشلىنىدىكەن، توردا تىزىملاش ۋاقتى 2015 – يىلى 20 – مايدىن 29 – مايغىچە بولىدىكەن.
بۇ قېتىم ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنىدىغان يەسلىلەر دۆلەت، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان 2237 يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىن باشقا، جايلار ئۆز مالىيەسىدىن مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان يەسلىلەر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلەر قۇرغان يەسلىلەر، كارخانىلار مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان يەسلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسىپ تەلىپى: تىزىملاتقۇچى يەسلى مائارىپى كەسپىدە ئوقۇغان بولۇشى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن بولۇشى كېرەك ئىكەن؛ كەنت دەرىجىلىك يەسلىلەردىكى ئىش ئورنىغا شىنجاڭدىكى چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن(ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن)لەر تىزىملاتسا بولىدىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى(قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى) ئىش ئورنىغا بىردەك پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن، كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇش بىردىنبىر شەرت قىلىنمايدىكەن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخى بولسا بولىدىكەن. كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا شىنجاڭدىكى چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ تىزىملاتسا بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت كەسىپلىرىگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر تىزىملاتسا بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى ئىش ئورۇنلىرىغا بىردەك پېداگوگىكا كەسپىدە ئوقۇغان بولۇش، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىش ئورنىنىڭ تەلىپىگە ماس ياكى يېقىن كېلىدىغان كەسىپتە ئوقۇغان پېداگوگىكا كەسپىدىن باشقا كەسىپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى ئىش ئورنىغا ‹‹تەكلىپ قىلغان ھامان ئىشتاتقا كىرگۈزۈش›› پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشتا پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى (www.xjedu.gov.cn//:http)دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved