ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي تۈنۈگۈن تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئورتاق بايانات ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئېلىپ: ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن ئالاقىدار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ دېدى.
روھانىي مۇنداق دېدى: باشقا تەرەپلەر يادرو سۆھبىتى كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىرانمۇ ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىپ ۋەدىسىدە تۇرىدۇ.
ئورتاق باياناتتىكى ھەل قىلىش يوللىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىراننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ ئىران ھاسىل قىلغان بىر مۇۋەپپەقىيەت. ئىران يادرو سۆھبىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولدى ھەمدە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئىجابىي شەكىلدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەندى.
روھانىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننى جازالاش ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال توختىتىلىدۇ، ئىران ئۆز زېمىنىدا ئوران قويۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن داۋاملىق مەشغۇل بولۇپ، يادرو تېخنىكىسىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved