ئىران تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ: ئىران 8-ئاپرېل يەمەن ۋە سومالى ئوتتۇرىسىدىكى ئادىن قۇلتۇقىغا ئىككى پاراخوت ئەۋەتىپ، بۇ دېڭىز رايونىدا چارلاشنى باشلىدى، دېدى.
ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مورزات سارمادى شۇ كۈنى: يەمەندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار «مەملىكەتلىك ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمەت» تەشكىللەپ، كىرىزىسنى ھەل قىلماقچى بولدى، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىرانمۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنى ياراشتۇرىۋاتىدۇ، دېدى.
ئىران خەۋەرلەر تېلېۋزىيە ئىستانسىسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گېنرال مايورى ھەبىبۇللانىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئالبۇرز تاغ تىزمىسى» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت «بۇشېر»ناملىق تەمىنات پاراخوتى 8-ئاپرېل ئىراننىڭ ئابباس پورتىدىن ئادىن قولتۇقىغا ۋەزىپە ئۆتەشكە يولغا چىقتى، دېدى.
گېنرال مايور ھەبىبۇللا: بۇ ئىككى پاراخوت يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئادىن قولتۇقى ۋە قىزىل دېڭىز رايونىدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئىران پاراخوتلىرىنى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ، دېدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، «ئىران ئادىن قولتۇقىغا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن پاراخوت ئەۋەتتۇق» دېگەن بولسىمۇ، ئادىن قولتۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە يەمەن ۋەزىيىتىنى ئويلاشقاندا، ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىنى ھەرخىل ئويغا سالىدىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا، يەمەندىكى شىئە مەزھىپىدىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى پايتەخت سانا قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىۋالدى، بۇ سەۋەبلىك زۇڭتۇڭ ئابدۇللا مەنسۇر ھادى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قېچىپ كەتتى. يەمەن ۋەزىيىتى بەكلا ناچارلىشىپ كەتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا سۈنىي مەزھىپىدىكى دۆلەتلەر «شىئە مەزھىپىدىكى دۆلەت ئىران قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنى ئاستىرىتتىن قورال ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى. ئىران بولسا بۇنى ئىنكار قىلىپ، بىز يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىۋاتىمىز، دېدى.
تاراتقۇلار ئىلگىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى باش بولغان كۆپ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى دېڭىزدا ھەرىكەت باشلاپ، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى. ئەمما بۇ بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد 7-ئاپرېل بۇ سۆزنى ئىنكار قىلدى.
ئىران «نازۇك» دېڭىز رايونىغا پاراخوت ئەۋەتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالجىرىيە، تۇنىس، ئىراق ۋە لىۋان قاتارلىق جايلاردا دىپلوماتىيە جەھەتتە ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئىران سىياسىي ۋاستە ئارقىلىق يەمەن ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سارمادى 8-ئاپرېل ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھاۋا ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش تەشەببۇسىنى قايتا تەكىتلەپ: يەمەندىكى بارلىق تەسىر كۈچى بار، جانلىق سىياسىي گۇرۇھلار ۋە تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىشى، يەمەن ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، دېدى.
ئۇ يەنە: بۇ مېنىڭ يېقىندىكى زىيارەتلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، ئىرانمۇ بۇ سىياسىي ھەل قىلىش لاھىيەسىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ، دېدى.
بۇندىن باشقا، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف 8-ئاپرېل پاكىستانغا بېرىپ، يەمەن ۋەزىيىتىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدەندى.
پاكىستان يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران تالىشىدىغان ئوبيېكىتقا ئايلىنىپ قالدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پاكىستاننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە ئەسكەر ئەۋەتىپ، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش قوشۇنىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئىران بولسا پاكىستاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، يەمەن ۋەزىيىتىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، پاكىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولسىمۇ لېكىن پاكىستاننىڭ يەمەنگە ئەسكەر ئەۋەتىشى نايىن ئىكەن. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف 7-ئاپرېل: پاكىستان بىلەن تۈركىيە يەمەن ۋەزىيىتىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ، بۇندىن باشقا ئىراننىمۇ تەكلىپ قىلدۇق، دېدى.
پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشىق: پاكىستان توقۇنۇشتا ياراشتۇرۇش رولىنى ئويناشنى ئۈمىد قىلدۇ، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved