چارشەنبە 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاسىيا ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن، نۆۋەتتىكى باھاسى 1076.47 دوللار، دوللارنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بىراق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۆلچەرىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆسۈم قارار يىغىنىدا ئۆسۈم قوشۇشنى قارار قىلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن، بۇ مۆلچەر ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى.
گېرمانىيە سودا بانكىسى (Commerzbank) سەيشەنبە 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ھەپتىلىك ئانالىز دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە،نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى كۈندىلىك سىزىقىنىڭ RSI كۆرسەتكۈچىدە نىسبەتەن چوڭ چەتنەپ كېتىش ھالىتى بار، بۇنىڭدىن ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش بوشلۇقىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى، قىسقا ۋاقىتلىق يۆنىلىشىدە ئۆسۈش كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1098 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتەلىسە، كېيىنكى يۆنىلىشىدە 1116 دوللار ئەتراپىغا چىقىشى مۇمكىن.چۈشۈش يۆنىلىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسى 1046 دوللاردىكى تىرەش كۈچىنى ساقلاپ قالالمىسا، ئالتۇن باھاسى 1000 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.
سەيشەنبە 12-ئاينىڭ8-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن فوندى ETF نىڭ ئالتۇن زاپىسى 634.63 توننا بولۇپ ئالدىنقى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش چىققان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved