لەگلەك تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى: ۋاشىنگتون 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلگىراممىسى: ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن ياردەمچىسى بىن.روس شۇ جاي ۋاقتى 24-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ياپۇنىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا تارىخى مەسىلىلەرنى « ئىجابىي» ئۇسۇلدا بايان قىلىشىقا، بۇرۇنقى تارىخى مەسىلىلەرگە تۇتقان ئىپادىسى بىلەن بىردەك بولۇشىقا ھەمدە رايونلار ھەمكارلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
ياپۇنىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى كېلەر ھەپتە ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلايدۇ. بۇ 2006-يىلىدىن بۇيانقى ياپۇنىيە باش ۋەزىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئامېرىكا پارلامېنت بىرلەشمە يىغىندا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. چەتئەللەر ئۇنىڭ نوتىقىدا تارىخىي مەسىلىلەرنى قانداق سۆزلەيدىغانلىقغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئاق ساراي جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى شىنزو ئابى بىلەن كۈرۈشكەندى بويان، ئامېرىكا جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاستا-ئاستا ياخشىلانغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئامېرىكا ئىككى رەھبەرنىڭ يېقىندا ھىندونېزىيەدە كۈرۈشكەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقنى بىلدۈردى ھەمدە دىپلوماتىيە يولى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى دەپ قارىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved