مۇخبىرىنىڭ 11-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2014-يىلى مارتتىن باشلاپ شەھەر بويىچە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى بازارلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندىن ھازىرغا قەدەر شەھەر بويىچە جەمئىي 220 مىڭ دانە براك گاز تۇڭى يىغىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ 120 مىڭ دانىسى بىر تەرەپ قىلىنغان، يەنە 100 مىڭ دانىسى بىر تەرەپ قىلىنىش ئالدىدا ئىكەن.
2014-يىلى 22-ئاپرېل شىنجاڭ سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى شىنجاڭ گېزىتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشلىتىلگىنىگە 15 يىلدىن ئاشقان گاز تۇڭلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ، بۇزۇش خاراكتېرلىك براك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى تۇڭىدىن تەخمىنەن 270 مىڭ دانىسى، سانائەت گازى تۇڭىدىن 300 مىڭ دانىسى، ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان گاز تۇڭىدىن 230 مىڭ دانىسى بار ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى ئېلان قىلغان 2015-يىلى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان 100 ئىشتىكى ۋەزىپە مىقدارىغا ئاساسەن، بۇ يىل تەخمىنەن 200 مىڭ دانىغا يېقىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى تۇڭى، 150 مىڭ دانىغا يېقىن ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان گاز تۇڭى، 100 مىڭ دانىغا يېقىن سانائەت گاز تۇڭىغا ئېلېكتىرونلۇق بەلگە ئورنىتىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆيىدە ئىشلەتمەيۋاتقان ياكى براك قىلغان گاز تۇڭلىرى بار ئاھالىلەر بۇ ئىدارىنىڭ 12365 تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلسا ئالاقىدار كىشىلەر ئىشىك ئالدىغا كېلىپ گاز تۇڭلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved