12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا، خۇنەن چاڭشادىكى بىر مېۋە-چىۋە دۇكىنى ئىشىكلىرىنى چوڭ ئېچىپ قويغان بولۇپ، بىراق پۇل يىغىش پۇكىيىدە ئادەم كۆرۈنمەيتتى، تېلېۋىزور ۋە پۇل يىغىش ئۈسكىنىسىمۇ يوق ئىدى. يەر ئۈستىدە مېۋە-چىۋە شۆپۈكلىرى، ئورالما قەغەزلىرى، لاتا-پۇتا قاتارلىقلار چېچىلىپ ياتتى. مال جاھازىسىدا پەقەت تولىمۇ سەت ئاپلىسىندىن ئازراقلا ئېشىپ قالغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، توردا مەزكۇر دۇكاننىڭ تاقىلىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ-سۆز تارقالغان بولۇپ، دۇكاننىڭ ئەزا خېرىدارلىرى ساراسىمىگە چۈشۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن دۇكان ئەزالىق كارتىسىغا پۇل ساقلاپ قويغانلار دەرھال دۇكانغا كېلىپ مېۋە-چىۋىلەرنى تەلۋىلەرچە سېتىۋېلىشقا باشلىغان، كېيىن دۇكان خىزمەتچى خادىمىمۇ يوقاپ كەتكەن، پۈتۈن دۇكان قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان. كۆپ قىسىم كىشىلەر دۇكانغا كىرىپ خالىغانچە قولىغا چىققاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، بىراق بۇ كىشىلەرنىڭ زادى دۇكان ئەزاسى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش تولىمۇ قىيىن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved