دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشىش ھەر بىر توپچىنىڭ غايىسى ھەم ئارزۇسى.كىرىستىيانو رونالدو ۋە لىئونال مېسسى قاتارلىق تەڭداشسىز پۇتبول چولپانلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ھەممە پۇتبول مەستانىسى بۇ ئىككى گىگانىت چولپاننىڭ خالىغان بىرىنىڭ بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشىنى ھەم كەسپىي ھاياتىنى كەم كۈتىسىز قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. بىراق چېلسىي كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى مۇرىنھو« بۇ ئىككى چولپاننىڭ ئۆزىنى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ ئاندىن ئۆزىنى ئىسپاتلىمىسىمۇ بولىدۇ،
چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولدى، بۇ ئىككىسى ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى ھېسابلىنىدۇ» دېدى. رونالدو بىلەن مېسسى يېقىنقى ئالتە يىللىق ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى قولدىن بەرمىدى، ھەم ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ كۇلۇبىدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغىمۇ ئېرىشكەن.پەقەت ھەر ئىككىلىسى دۆلەت كوماندىسىدا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ باقمىغان. مۇرىنھۇ:«مېنىڭچە مېسسى ھەرگىزمۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولدى.» بۇ يىلقى ئالتۇن توپ مۇكاپات ساھىبى رونالدوغا قارىتا ئۇ تېخىمۇ ماختاپ مۇنداق دېدى:«رونالدومۇ ناھايىتى ئۇلۇغ توپچى،مەن ئۇمۇ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشسە ئاندىن ئۇلۇغ دېگەن بۇ سۆزگە لايىق بولىدۇ دەپ قارىمايمەن، ئۇنىڭ بۇ يىلقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى. ئىلگىرى توپچىلار پەقەت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشسە ئاندىن ئۇلۇغ دېيىشكە لايىق ئىدى،مارادونا چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى، زىدانىمۇ غەلبە قىلدى،
رونالدو(چوڭ رونالدو، بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق توپچىسى، «تاشقى پىلانت ئادىمى»دەپ نامى بار)، رىۋالدو قاتارلىقلارمۇ چېمپىيۇن بولدى،يەنە نۇرغۇن دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپانلىرىمۇ دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى،شۇڭا ھەممەيلەن رونالدو بىلەن مېسسىنىڭمۇ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قارىتا مۇرىنھۇ مۇنداق دېدى«مېنىڭچە خازارد(چېلسىي كۇلۇبىنىڭ توپچىسى،بېلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى)، نېيمار(بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ توپچىسى، بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى)، ۋارانى(خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ توپچىسى، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى) قاتارلىق ياش توپچىلار تەقەززا بولۇشقا ئەرزىيدۇ،مەن بۇ ئۈچ توپچىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن» مۇرىنھۇ پورتۇگالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل،
ئۇ پەقەت كۇلۇبلارغىلا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باققان، بىراق ھازىرغىچە دۆلەت كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باقمىغان.بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۇ مۇنداق دېدى«مەن پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى بولۇشنى، ھەم مۇشۇ ئورۇندا ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.بىراق بۇنىڭدىن بۇرۇن،مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق، چۈنكى مەن تېخى شەرت شارائىتنى تولۇق يېتىلدۈرمىدىم، مەن قانداق ۋاقىتتا ئارام ئالىدىغانلىقنى ئېنىق بىلىمەن. مەن ھازىر پەقەت كوماندىنى مەشىقلەندۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقە ئويناشنى ئويلايمەن.مەن دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىر ساقلىغانچە ئىككى يىل ساقلايدىغان قائىدىسىگە چىداپ بولالمايمەن.»
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved