2015-يىلى مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدىغان بۇلۇپ،12-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخپىرنىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدا جەمئىي 1701نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.بۇ يىل پۇتۈن رايۇندا 11 ئىمتىھان رايۇنى،17ئىمتىھان نوقتىسى ۋە 567 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلغان.
شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئۆلچەملىك بولغان ئىمتىھان ئېلىش نوقتىللىرىدا ئېلىپ بىرلىدۇ،نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ۋە كۈچۈرمىچىلىكنى تۇسۇش ئۈسكۈنىسى،سالاھىيتىنى تەكشۈرۈش سىستىمىسى،كۈچۈرۈشنى كونتىرول قىلىش سىستىمىسى،ۋىدىئو چاستوتا ۋە تور ئارقىلىق نازارەت قىلىش سىستىمىسى قاتارلىقلارنىڭ رۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ ئىمتىھانغا ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،شۇنىڭ بىلەن بىرگە نازارەتچىلەر چەك تارتىپ ھەرقايسى ئىمتىھان مەيدانلىرىغا بولغان كۈزىتپ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمتىھانغا ياردەم بىرىش ياكى ۋاكالىتەن قاتنىشىش قاتارلىق ھەرخىل قائىدە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىقلارغا زەربە بىرىش.
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارغا تەلەي سىناشتىن ساقلىنىشقا،ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ نەخ مەيداندا مۇقملاشتۇرغان ۋاقىتتىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سەۋىيەسى ۋە ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلىشقا چاقىردۇ.ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىكى "ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قائىدىسى"دىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل چۈشۈنىشى،ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانغا دىققەت قىلىشى(27 ۋە 28-چىسلادىكى ئىمتىھان مەيدانى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن ) ئىمتىھانغا دەخلى يەتكۈزمەسلككە ئەسكەرتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ھەرقانداق چۈشنەلمىگەن جايلىرى بولسا 0991-8755803غا تىلىفۇن قىلىپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2016-يىللىق شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى يېزىقچە ئىمتىھانى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىندى.
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved