ھىندىستاندا 300 كىشى «كالا گۆشىنى چەكلەش» بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ تۇتۇلدى

       ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 7-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ماخاراشتىرا (Maharashtra) ئۆلكىسىدە «يېڭى كالا گۆشىنى چەكلەش بۇرۇقى» 3-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، يەنى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، 300 دىن ئارتۇق كىشى بۇ چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان.

     خەۋەردە دېيىلىشىچە، ماخاراشتىرا ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم بىر ئەمەلدارى مۇنۇلارنى ئاشكارلىغان، بىز مەزكۇر چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ كالىلارنىڭ مەنپەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك، بىراق بىر قىسىم بومبايلىق پۇقرالار، كالا گۆشى سودىسى قىلىش ۋە كالا گۆشى ئىستىمال قىلىش ئادىتى بار بولغان پۇقرالارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر چەكلەش بۇيرۇقى پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىگە دەخلى-تەرۈز قىلغان. ئىگىلىنىىشچە، بومباي سوت مەھكىمىسى بۇ دېلو توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى چاقىرغان.

    ماخاراشتىرا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەرز قىلىنغان دېلولارغا قارىغاندا، كۆپ قىسىم كىشىلەر كالا گۆشى سېتىش، كالا گۆشى توشۇش، كالا ئۆلتۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن باشقا يەنە 10 مىڭ رۇپلى جەرىمانە قويىلىدىكەن. كالا گۆشىنى زاپاس ساقلىغانلار بولسا بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەندىن باشقا يەنە 2000 رۇپلى جەرىمانە قويىلىدىكەن.

     گەرچە بومبايدىن كەلگەن پۇقرالار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتىنى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىدى، دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ماخاراشتىرا ھۆكۈمىتى بۇنداق دەپ قارىمايدىكەن. مەزكۇر دېلو 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سوتلىنىدىكەن.

    خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندى دىنى ھىندىستاندا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، كالا ئىلاھ قاتارىدا كۆرىلىدۇ، شۇڭلاشقا ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كالا ئۆلتۈرۈش چەكلىنىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر مۇسۇلمان ئەر بىر ئىنەك كالىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن، باشقا كىشىلەر ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتتى.     



خەتكۈچلەر:
07-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
Powered by Leglek