سەككىز خىل يامان ئادەت ئاق ياقىلىقلارنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ساغلاملىق قەدىمىنى تىزلىتۋېتىدىكەن

ئۈزۈندە: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەقىقىي ساغلام كىشىلەر ئاران %5 نى ، كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار %20 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، %75 كىشى ئىككىنچى دەرىجىلىك ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرىدىكەن.

1-خىل يامان ئادەت: ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى.

%60تىن ئارتۇق كىشى ھەمىشە دېگۈدەك كۈندىلىك سەككىزسائەت ئۇخلاش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە %7 كىشى دائىم ئۇيقۇسىزلىق تۈپەيلىدىن ياخشى ئارام ئالالمايدىكەن.

2-خىل يامان ئادەت: تەنتەربىيە-چىنىقىشنىڭ كەمچىل بولۇشى.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %10 لا ئادەم ھەپتىدە بەلگىلىۋالغان ۋاقتىدىلا بەدەن چىنىقتۇرىدىكەن، ئاساسەن %70 كە يېقىن كىشى تەنھەرىكەت قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇلاردا ئاسانلا چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.

3-خىل يامان ئادەت: ئەتتىگەندە ناشتا قىلماسلىق.

خىزمەت رېتىمىنىڭ تېزلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر ۋاقلىق تاماق يېيىشمۇ بىر خىل ئارزۇغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا قانۇنىيەتلىك، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ناشتىلىق قىلدىكەن. ئەتتىگەندە ناشتا قىلماسلىق سالامەتلىككە ئېغىر زىيان ئىلىپ كېلىدىكەن.

 

4-خىل يامان ئادەت: ئۇزۇن مۇددەت كومپىيۇتېر بىلەن مەشغۇل بولۇش.

%30 ئارتۇق خىزمەتچى ھەر كۈنى سەككىز سائەتكە يېقىن كومپىيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدىكەن. ھەددىدىن زىيادە كومپىيۇتېرغا تايىنىۋالغاندا، بەدىنىمىز كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە كۆز، بۇيۇن ئۇمۇرۇتقا كېسەللىكلىرىمۇ پەيدا بولۇپ قالىدىكەن، شۇنداقلا روھىي ساغلاملىقىمىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

5-خىل يامان ئادەت: ئۈچ ۋاقلىق ناشتىلىقنىڭ قانۇنىيەتسىز بولۇشى.

%30 تىن ئارتۇق كىشى خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ئۈچ ۋاقلىق تاماقنى ۋاقتىدا يېيەلمەيدىكەن. ئۈچ ۋاقلىق ناشتا ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالىغاندا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

6-خىل يامان ئادەت: ئۇزۇن مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچ بولغان شارائىتتا خىزمەت قىلىش.

%70 كۆپرەك كىشى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ھاۋاسى تەڭشەلگەن ئىشخانا مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىكەن، بۇ خىل مۇھىت ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەبىئىيلا تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

7-خىل يامان ئادەت: ئولتۇرۇشنىلا خالاپ، ھەرىكەت قىلىشنى خالىماسلىق.

نۇرغۇنلىغان ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ئولتۇرۇپلا خىزمەت قىلىشقا ئادەتلىنىۋالغاچقا، تازلىق ئۆيىگە بېرىشتىن باشقا چاغلاردا ئاسانلىقچە ئۇرنىدىن تۇرمايدىكەن. ئۇزۇن مۇددەت ئۇلتۇرۇش قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا زىيانلىق بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مىتابولىزىم ۋە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

8- خىل يامان ئادەت: ئاغرىپ قالسىمۇ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ئېرىنچەكلىك قىلىش.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، يىرىمغا يېقىن كىشى ئاغرىپ قالغاندا، ئۆزىلا دورا تەييارلىۋالىدىكەن، ئۈچتىن بىر قىسىم ئادەم كىچىك كېسەل دەپ قاراپ پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كىچىك كېسەل دەپ سەل قارىغاچقا، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىدىكەن. 



14-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek