ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھەممە ئادەم گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىراندەك مۇشۇنداق «مۇتەسسىپ» بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان قىز-ئاياللار ئاممىۋى سورۇندا ئاساسەن دېگۈدەك يۈزىنى ئاچمايدۇ، يۈزىنىلا ئەمەس ھەتتا بوينىنى ۋە بىلەكلىرىنىمۇ ئوچۇق قويمايدۇ. بىراق دەل مۇشۇنداق ئورۇنۇپ يۈرىدىغان قىز-ئاياللار ئارىسىدا يېقىندىن بۇيان بۇرۇن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بۇرۇن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش، ئىران ئاياللىرىنىڭ بەش ئەزاسىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىدىغان ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالدى.
تېھران شىمالىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا كەلگەن نازانىنې (Nazanine) مۇنداق دېدى، مەن پات يېقىندا بۇرنۇمنى ئۈچىنچى قېتىم تۈزەتمەكچى، مەن يەنە پاقالچىقىمدىكى ماي ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكچى.
نازانىنېغا بۇرۇن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلغان دوختۇر جاۋاد ئامىرىزاد (Javad Amirizad) مۇنداق دېدى، نازانىنې بۇ يىل 40 ياش، ئۇ بۇرۇن باشقا بىر دوختۇرخانىدا ئىككى قېتىم بۇرۇن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان، بىراق ئانچە رازى بولماي، كېيىن بىزنى ئىزدەپ كەلگەن.
ئىران ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قوغلىشىش ئارزۇسى بۇنىڭ بىلەنلا تامام بولمايدۇ، يەنە شۇ دوختۇرخانىنىڭ باشقا ئىككى ئوپراتسىيە ئۈستىلىدە ياتقان ئىككى ئايال كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپراتسىيىسى قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە بارغانسىرى كۆپ ئادەم بەدەندىكى ماي تازلاپ ئورۇقلاشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، جىنسىيەتكە چېتىلمايدىغان ئوپراتسىيە ئىران قىز-ئاياللىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ، پايتەخىتتىكى باي ئاياللار ئارىسىدا بۇنداق ئوپراتسىيە تېخىمۇ مودا بولماقتا.
يۈز ۋە پىشانە قىسىمغا بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى ئۇرۇپ قورۇق يوقۇتۇش، لىۋىگە ئاقسىللىق يىلىم ئۇرۇپ لەۋنى قېلىنلىتىش، قېشىنى تىرىش قاتارلىقلارمۇ بارغانسىرى كۆپ بولىۋاتىدۇ.
دوختۇر جاۋاد ئامىرىزاد مۇنداق دېدى، ھۆكۈمەت تەرەپ ئاشكارلىغان سانلىق-مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى 40 مىڭ ئادەم ھۆسۈن-تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %60 بۇرۇن تۈزەش ئوپراتسىيىسى ئىكەن.
بىراق ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۆسۈن تۈزەش ئوپراتسىيە سانى بۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ كەسپى بولمىغان دوختۇرلار ئېلىپ بارغان ئوپراتسىيەنى ھېسابقا ئالمايدۇ. بۇنداق غەيرى دوختۇرلار قىز-ئاياللارنىڭ گۈزەللىك قوغلىشىش ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادى مەنپەت قوغلىشىدۇ.
ئىراننىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە بۇرنىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرغان ئەر ۋە ئاياللارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنداق قىزغىنلىق ھازىر ئىراننى پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆسۈن تۈزەشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 10 دۆلەت ئىچىگە كىرگۈزدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved