خۇپۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئالاغىر يېزىسى 9-كەنتە بالىلار باغچىسى ئېچىلدى. شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلىجان مۇختەر كەنتە ئاھالىلىرى بىلەن توپ ئوينىدى ۋە بالىلار باغچىسىغا ۋاسكىتبول ئەسلىھەلىرى ۋە ئۆگىنىش قوراللىرى ئىئانە قىلدى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى شىرئەلىجان ئالدىنقى قېتىم مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تاماملىغىلى تېى ئۇزۇن بولمىغانىدى. 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىرئەلىجان تۇغۇلغان كۈنى يىتىپ كېلىش ئالدىدا سانجى شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ سومكا، ۋاسكىتبول ۋە توپ ئايىغى قاتارلىق ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تورت يېگەن ئىدى.
يارىلانغانلىق سەۋەبىدىن شىرئەلىجان بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن پەقەت 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالىدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مەيدانغا چىققان ۋاقتى 26.3 مىنۇت بولغان. ھەم مۇشۇنداق قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 8.7 نومۇر ۋە 2.2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان ھەمدە 1.3 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.
شىرئەلىجان 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى ئېلان قىلغان يېغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگەن. ئېگىلىنىشىچە شىرئەلىجاننىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى تىببىي خادىملارنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشىنى كۈتۈشى كېرەككەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved