جاھان ئاگېنتلىقى 18-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى، يەمەنلىكلەرنى پرېزىدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادىينىڭ ئەتراپىغا توپىشىشىقا چاقىرىق قىلدى. ئىتتىپاق تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى سىياسىي كىرزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يەمەندىكى بارلىق تەرەپلەرنى پرېزىدېنت ھادىي ۋەكىللىدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئەتراپىغا توپلىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئىتتىپاق يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنى يەمەنگە ماددى ۋە مەنىۋى ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ، قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە، يەمەندە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئەمىلىي پىداكارلىق ۋە ئەمىلىي قەدەم ئېلىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىتتىپاق ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كىرزىستىن چىقىش ئۈچۈن بىردىنبىر يولنىڭ ھەقىقەتكە قايتىش ئىكەنلىكى» بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ زور خەتەرلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنىڭ قوغدىلىشى، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىقتىن يىراق تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كىرەكلىكى تەكىتلەندى.
يەمەندىكى سىياسىي كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشچىلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved