شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

شۆھرەت زاكىر

 


تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.


شۆھرەت زاكىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1953 – يىلى 8 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدىن، 1970 – يىلى12 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى بولغان.

 


1970 – يىلى 12 – ئايدىن 1972 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
ماناس ناھىيەسى بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1972 – يىلى 2 – ئايدىن 1974 – يىلى 2– ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1974 –يىلى 2 – ئايدىن1978 – يىلى3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ دىۋوپۇ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛1978 – يىلى 3 – ئايدىن1980 – يىلى 6 – ئايغىچە خۇبېي جياڭخەن نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان؛1980 – يىلى 6 – ئايدىن 1984 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ نېفىت – يەر شارى فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا تېخنىك بولغان؛1984 – يىلى 6 – ئايدىن 1988 – يىلى 5– ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سانائەت باشقارمىسىدا مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (1982 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 7 – ئايغىچە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان)؛1988 – يىلى 5 – ئايدىن 1992 – يىلى11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى


بولغان؛1992 – يىلى 11 – ئايدىن 1993 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق
ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛1993 – يىلى 8 – ئايدىن 1997 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادكومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ (بۇمەزگىلدە 1994 – يىلى 3 – ئايدىن 1994 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛1997 – يىلى 2– ئايدىن1997 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن
باش كاتىپى، قوشۇمچە تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛1997 – يىلى7 – ئايدىن 2000 –يىلى7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان (1996 – يىلى 8 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1996 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛2000 –يىلى7 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى
(دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان؛2000 –يىلى 12 – ئايدىن2001 – يىلى3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛2001 – يىلى 3 – ئايدىن2005– يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر
باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2004 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛2005 – يىلى 12 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 –ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛2006 – يىلى 1– ئايدىن 2008 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان (2003 – يىلى 9 – ئايدىن 2007 – يىلى 3 –ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى بولغان)؛2008 – يىلى 3 – ئايدىن2009 –يىلى7 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش– قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان؛2009 – يىلى 7
– ئايدىن 2011 – يىلى 6 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان؛2011 –يىلى 6 – ئايدىن 2013 – يىلى 12 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر
كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلاربىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان؛2013 – يىلى 12 – ئايدىن 2014 – يىلى 1 –ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛2014 –يىلى 1 – ئايدىن 2014 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛2014 – يىلى 12 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم
رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.مەملىكەتلىك 10 – ،11 – ، 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولغان.



خەتكۈچلەر:
25-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek