بارسىلوناننىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى يېقىندا بارسىلونا ئورگان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، كۇلۇبتىكى يېقىن دوستى نېيمارنىڭ ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان توپچى ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن ئۆتمەي مىسسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنجىلىك ئورنىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىسسى، نېيمار ۋە سۇۋارىزلارنىڭ MSN گۇرۇپپىسى ئاللىقاچان بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان گۇرۇپپىغا ئايلاندى، ئۇلار ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ قورقۇنچلىق گۇرۇپپا بولۇش يولىدا تىرىشماقتا.
يېقىندىلا مىسسى ئۆزىنىڭ 5-قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، سۇۋارىزمۇ ئۆزىنىڭ مىسسىغا قول قويىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن، «مىسسى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى، ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىسى كىشىنى قول قويدۇرىدۇ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن تىنچ، ئۇمۇ ئىنتايىن كىچىك پىئىل».
لېكىن سۇۋارىز يەنىلا نېيمارنىڭ مىسسىنىڭ ئورنىغا چىقىپ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ :«ھازىر قارىغاندا نېيمار ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ،ل ئۇيەنە مىسسىدىن ئۆگىنىۋاتىدۇ، مىسسى ئىنتايىن ياخشى بىر ئۈلگە، لېكىن نېيمار ھەربىر مۇسابىقىدە ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتىدۇ، ھامان بىر كۈنى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلىنىدۇ»، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved