ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈپ جازالىنىدىكەن. ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە بولغاندا، فىلىپنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى يوق، مېسسىنىڭمۇ پەقەت سول تىزى قىزىرىپ ئىششىپ قالغان، ئېغىر يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن شۇ سەۋەبتىن فىلىمنى قايتا جازالاش ھاجەتسىزكەن.
مۇشۇنداق بولغانلىقتىن، فىلىپ پەقەت بىر مەيدانلا جازالىنىدۇ، ئۇ مۇشۇ ئايلانمىدىكى ئەيبار بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، ئەمما كېيىنكى ھەپتە ئاخىرىدا مەيدانغا قايتىپ كەلسە بولىدۇ. ئەسلىدىكى جازا بويىچە، فىلىم يەنە خىتافى، بىلىيالىيار بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايتى.
فىلىم جازا يىنىكلىتىشكە ئېرىشتى، كاتولىنىيە تاراتقۇسى ئىنتايىن بىمەنىلىك بولدى دەپ چۇقان كۆتۈردى. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» بارسېلونا ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. فىلىپ مېسسىنىڭ سول تىزىنى كاردىن چىقارغىلى تاش قالدى، نەتىجىدە پەقەت بىر مەيدانلا مۇسابىقىدىن توختىتىلدى. سۇيارىز يوقىلاڭ سەۋەب تۈپەيدىلىپ مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىلدى، پېك رېپىرنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولغانلىقتىن تۆت مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىلدى دەپ كۆرسەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved