ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى دۆلەتنىڭ تۇنجى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى فەھىمنىڭ تەبئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 56 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئافغانىستاندا ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئۈچ كۈن ماتەم تۇتماقچى بولغان.
چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، فەھىم ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئىلگىرى بىر چوڭ مىلىتارىست ئىكەن، ھايات ۋاقتىدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزاھى ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن، ئەسلىدە كېيىنكى ئايدىكى چوڭ سايلامدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلماقچىكەن.
فەھىم ئىلگىرى كۆپ قېتىم تالىبانلارغا ئوخشاش قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ تەلىيىگە قۇتۇلۇپ قالغان.
ئافغانىستان زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى فەيزى (Aimal Faizi) ئۆزىنىڭ شەخسىي تىۋىتېر (Twitter) ھېساباتىدا فەھىمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر ئېچىنىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
.
فەيزىنىڭ دېيىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى فەھىمنىڭ ۋاپاتىغا پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈچ كۈن بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ ماتەم تۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەنبەسى جۇڭگو خەۋەر تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved