جۇڭگو كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014- يىلى ئالما شىركىتى iPhone 6 نى ئېلان قىلغان ۋاقىت ئالمىنىڭ چوڭ ئېكرانغا يۈرۈش قىلىش قەدىمىنى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا كارخانا تارىخىدا ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان پەسلىگە ئايلاندۇرغان. ئەمما ئالما بۇ يىل ئالما يانفۇنىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەلەش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن. نۆۋەتتە ئالما تېخىمۇ كىچىك، تېخىمۇ ئەرزان مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، ئۇلار ئېھتىياجىلىق بولغان سېتىپ چىقىرىش مىقدارىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.
شۇ جاي ۋاقتى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ئالما ئېكرانى 4 دىيۇم كېلىدىغان iPhone SE نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئېكرانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 2012- يىلى ئېلان قىلىنغان iPhone 5 نىڭ ئېكرانىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، ئەمما ئۇنىڭغا ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلار سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە Apple Pay، ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى تېلېكامىرا، ۋە ھېسابلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەت يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد iPad ۋە تېخىمۇ كۆپ Apple Watch سائەت بېغىنى بازارغا سالىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved