شىنجاڭ قۇمۇل: نامراتلارنى يۆلەپ كۆچۈرۈش ئونمىڭلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى

چارۋىچى ئېرجان قاھار(سولدا) ئائىلىسىدىكىلەر قۇمۇل شەھىرى قويلۇق يېزىسىدىكى يېڭى كۆچكەن ئۆيىدە چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا (ماتېرىيال سۈرەت، 2012-يىلى 15-ئۆكتەبىر تارتىلغان)

 


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمۇل ۋىلايىتى ‹‹نامراتلارنى يۆلەشتە ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، نامراتلىقنى تۈگىتىشتە تۈپ نېگىزىدىن يوقىتىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەپ كۆچۈرۈشنى تاغلىق رايونلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 710 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تاغلىق رايوندىكى 5080 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىدىكى 16 مىڭ 565 ئادەمنى كۆچۈرۈپ، نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش قىياپىىتىنى ئۆزگەرتتى.


يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرى نامراتلارنى يۆلەشكە جەمئىي بىر مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىدىن 211 نى يولغا قويغان ۋە ئونمىڭلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزگەن. 2013-يىلى، قۇمۇل شەھىرىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ 852 يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

قۇمۇل شەھىرى تاشۋېلىق يېزا خوتۇنتام كەنتىدىكى سۈبھىنۇر دۆلەت(ئالدىدا) شەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى(ماتېرىيال سۈرەت، 2013-يىلى 27-ئۆكتەبىر تارتىلغان)

16-ئۆكتەبىر، قۇمۇل شەھىرى ئاقتاش يېزىسىغا كۆچۈرۈلگەن كۆچمەن چارۋىچى ياسىن ياقۇپ پاختا تەرمەكتە

قۇمۇل شەھىرى قويلۇق يېزىسىغا سېلىنغان كۆچمەن چارۋىچىلار ئولتۇراق رايونى

قۇمۇل شەھىرىدىكى ئاللىقاچان پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ‹‹شىنشېڭ›› كۆچمەن چارۋىچىلار ئولتۇراق رايونىدىن كۆرۈنۈش(16-ئۆكتەبىر سۈرەتكە تارتىلغان)

16-ئۆكتەبىر، قۇمۇل شەھىرى غەربىي تاش يېزىسىغا كۆچۈرۈلگەن كۆچمەن چارۋىچى ئايال پەمىدۇر مايسىسى ئۆستۈرمەكتە

كىچىك دوستلار قۇمۇل شەھىرىدىكى ‹‹شىنشېڭ›› كۆچمەن چارۋىچىلار ئولتۇراق رايونىدا ئوينىماقتا(ماتېرىيال سۈرەت، 2013-يىلى 26-ئۆكتەبىر تارتىلغان)



خەتكۈچلەر:
18-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek