روسىيە ئارمىيىەسى IS كە قارشى 2- قېتىملىق زور كۆلەملىك بومباردىمان ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

   جۇڭگو خەۋەر تورى 19-نويابىر خەۋىرى: روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە ئارمىيەسى قوماندانلىق باش ئىشتابىنىڭ جەڭ قىلىشقا مەسئۇل ئەمەلدارى ئەندىل كارتابولوف گېنىرال مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: روسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ لاككا، دىزۇر، ھەلەب ۋە ئىدىلىب قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە 2-نۆۋەتلىك زور كۆلەملىك بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، دېگەن. كارتابولوف مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: موسكۋا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت بەشتە، روسىيە ھاۋا ئارمىيەسى سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى رادىكال تەشكىلات قوراللىق كۈچلىرىگە قارىتا 2-قېتىملىق زور كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

   روسىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەخمىنەن 500 دانە سۈرىيە تېررورچى كۈچلىرىنىڭ ماي توشۇش ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. سائەت بەشتىن باشلاپ بەشتىن 50 مىنۇت ئۆتكىچە روسىيەنىڭ تۇ-22MS بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىك بومباردىمان قىلىش ئايروپىلانىدىن تۈزۈلگەن ئاۋىياتسىيە قىسمى چوڭ ئەترىتى لاككا ئۆلكىسى ۋە دىزۇر ئۆلكىسىدىكى ئالتە جايدىكى رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم قىلىش نىشانى قورال-ياراق، ئۇق-دورا ئىسكىلاتى، ھەربىي ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاش ئامبىرى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ مەشىق قىلىش بازىسى ۋە پارتلاتقۇچ ياساش نۇقتىسى قاتارلىق جايلار بولغان.



19-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 7-مارت، كورېيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ھالقىلىق ھۆكۈم›› ۋە ‹‹قۇرغۇي›› ناملىق ھەربىي مانېۋىرى 7-مارت كورېيەنىڭ پوخاڭدا رەسمىي باشلاندى. بۇ مانېۋىر 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى جۇڭگو بىلەن بولغان كۈندىن-كۈنگە خەتەرگە تولغان رىقابەتتە، ئامېرىكىنىڭ بىرىدىن-بىر كوزۇرى ۋاشىنگىتوننىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولغانلىق...
07-03-2016
جۇڭگو رادىيو تورىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ماسلاشتۇرۇش ...
05-02-2016
       شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 3-فېۋرال، كورېيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى يەتتە جەڭ ئايروپىلانىدىن تەركىب تاپقان ئەترەت تەقلىدىي ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بولۇپمۇ چاۋشيەن يېقىندا راكېتا قويۇپ بەرمەكچى بولغان سەزگ...
04-02-2016
     ئەنگىلىيە لۇ شىيۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافرىقا قىتئەسى دۆلىتى جىبۇتىنىڭ زۇڭلىسى ئىشمېل.ئۆمەر.گاللاق زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو تەرەپ جىبۇتدا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇش ...
03-02-2016
       2-ئاينىڭ 2-كۈنى، جىنەن ساقچى تەرەپ ‹كۆپ نۇقتىلىق تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى› ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ساقچى خادىملارنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى...
21-01-2016
  «ئامېرىكا ئاخباراتلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» ئېلان قىلغان رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە دۇنيا ھەربىي كۈچ رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. ...
12-01-2016
   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنى تەڭشەش، تەشكىللەش ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئالاقىدار مەسىلىلەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب...
12-01-2016
        شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
12-01-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلە...
Powered by Leglek