شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ماي شاڭخەي ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . سۆھبەتتىن بۇرۇن ، شى جىنپىڭ شاڭخەي غەربىي شەھەر يىغىن مەركىزىنىڭ مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، روھانىنى قارشى ئالدى

 

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ماي شاڭخەيدە ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنى ئورتاق پىلانلاپ ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى . شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : جۇڭگو تەرەپ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بالدۇرراق مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ .


شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ، ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچى زور . جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئىران تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ . ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ، پارلامېنتلىرى ، يەرلىك ، خەلقلەر ئارا بېرىش-كېلىشكە تۈرتكە بولۇشنى ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ ، ماي-گاز ، نېفىت-خىمىيە ھەمكارلىقىغا مۇقىم قەدەمدە تۈرتكە بولۇشى كېرەك .

تارىختا ، جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەت خەلقى يىپەك يولى ئارقىلىق دوستانە بېرىش-كېلىشنى قانات يايدۇرغان . جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ ، يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريول ، ئىقتىساد باغچا رايونى قاتارلىق تۈرلەرنى باشلىشىنى قارشى ئالىدۇ . ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ، تېررورىزم ، زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە ئورتاق زەربە بېرىشى كېرەك . جۇڭگو بىلەن ئىران مەدەنىيەت قەدىمىي دۆلەتلەر بولۇپ ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى بالدۇرراق قۇرۇپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
24-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek