1 . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلىنىش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلانغاندا، يۈرەكنىڭ رېتىمى تېزلىشىپ، نەپەس جىددىيلىشىدۇ، ئوي – پىكىر چېچىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇخلاش تەسكە چۈشىدۇ. 2 . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاماقنى كۆپ يەۋېلىش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك تويۇنۇۋالغاندا، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى جىددىيلىشىدۇ، يېمەكلىك بىلەن تولغان ئاشقازان چوڭ مېڭىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلايدۇ، چوڭ مېڭە غىدىقلانغاندا، ئادەم ئاسانلىقچە ئۇخلىيالمايدۇ.
3 . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چاي ئىچىش: چاي تەركىبىدە كوففېئىن قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇنداق ماددىلار مەركىزىي نېرۋىنى غىدىقلاپ، ئادەمنى روھلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چاي ئىچكەندە، بولۇپمۇ قېنىق چاي ئىچكەندە، مەركىزىي نېرۋا روھلىنىپ، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى قاچىدۇ.
4 . جىددىي ھەرىكەت قىلىش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى قاتتىق روھلىنىش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئۇزاققىچە بېسىلمايدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىمكان بار جىددىي ھەرىكەت قىلماسلىق، سەيلە قىلىپ مېڭىشقا ئوخشاش يېنىكرەك ھەرىكەتلەرنى قىلىش كېرەك.
5 . ياستۇقنى بەك ئېگىز قويۇۋېلىش: فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئالغاندا، ياستۇق 12~8 سانتىمېتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بەك پەس بولۇپ قالسا، ئادەم بىئارام بولىدۇ ياكى مېڭىگە بارىدىغان قان كۆپىيىپ، ئەتىسى باش چىڭقىلىش، كۆز ئەتراپى قىزىرىپ ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا خورەك تارتىدىغان قىلىپ قويىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇزاق مۇددەت ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ياتقاندا، بويۇندا بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ ياكى ئادەمنى دۈمچەك قىلىپ قويىدۇ.
6 . قولنى ياستۇق قىلىپ يېتىش: ئۇخلىغاندا، قولنى باشنىڭ ئاستىغا قويۇپ ياتقاندا، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، قولنىڭ ئۇيۇشۇپ ئاغرىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ئاسانلا قورساقنىڭ ئىچكى قىسىم بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، ‹‹تەتۈر ئېقىشلىق قىزىلئۆڭگەچ يەللىكى››نى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئۇخلىغاندا، ئىككى قولنى باشنىڭ ئاستىغا قويۇۋالماسلىق كېرەك.
7 . باشنى چۈمكەپ ئۇخلاش: باشنى چۈمكەپ ئۇخلىغاندا، ئاسانلا نەپەس قىيىنلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداقلا، ئادەم ئۆزى چىقىرىۋەتكەن كاربۇن Ⅳئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. بۇ، سالامەتلىككە زىيانلىق.
8 . ئېغىزدىن نەپەسلىنىش: كېچىسى ئېغىزنى يۇمۇپ بۇرۇن بىلەن نەپەسلىنىش بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە. ئېغىزدىن نەپەس ئالغاندا، چاڭ – توزاننى سۈمۈرۈۋالغاندىن باشقا، كاناي، ئۆپكە ئاسانلا سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇرۇن بىلەن نەپەس ئېلىش كېرەك، چۈنكى بۇرۇن تۈكچىلىرى بىر قىسىم چاڭ – توزاننى توسۇپ قالىدۇ، بۇرۇن ئارقىلىق ئۆتكەن سوغۇق ھاۋا ئازراق ئىللىيدۇ. بۇ، سالامەتلىككە پايدىلىق.
9 . شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا يېتىش: ئۇيقۇ ھالەتتە بەدەننىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا سوغۇق تېگىپ قالىدۇ. شامال دارىپ قالسا تۈرلۈك كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا تومۇز كۈنلىرىمۇ دالدىدا يېتىش كېرەك.
10 . ئولتۇرۇپ ئۇخلاش: ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغاندا، يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاستىلايدۇ، قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ، ئەزالارغا بارىدىغان قانمۇ ئازلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى قانغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئېغىرلىشىپ، باش قېيىش، قۇلاق غۇڭۇلداشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved