چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىدە، ياپونىيەنىڭ سىياسىيونلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى تەنقىدلەندى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات مۇتەسسىپ سىياسىيونلارنىڭ مەقسىتى بارلىق ياپونلۇقلارنى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى مىللىتارىزمچىغا ئايلاندۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش، بۇ ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات مۇتەسسىپ سىياسىيونلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقى ۋە تەنقىدىگە قارىماي، ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى ياپونىيە ئۆتمۈش بىلەن خوشلاشقاندىلا ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved