تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى، يېقىندا تۈركىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى شەرقىي رايوندا قوراللىق توقۇنۇشتى، بۇ، ئىككى يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ شىددەتلىك ئېتىشىش ھېسابلىنىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ توقۇنۇشى داۋاملىشىشى مۇمكىن، تۈركىيە پارلامېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ كۇردلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ‹‹تىنچلىق مۇساپىسى›› سۆھبىتى پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
تۈركىيە ‹‹كۈندىلىك خەۋەرلەر››گېزىتىنىڭ 12 – ئاپرېل سانىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئاغرى ئۆلكىسىدە 11 – ئاپرېل يۈز بەرگەن تۈركىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ توقۇنۇشىدا، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىدىن بەش كىشى قازا قىلغان، تۈركىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئەسكىرى يارىلانغان. تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ باياناتىدا: كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قوراللىقلىرى ئاۋۋال ھەربىي دائىرىنى ئوققا تۇتتى، دېيىلدى. كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى بولسا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئاۋۋال ئوق چىقاردى، دېدى.
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار: كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ‹‹خەلقنى كۇردلارغا مايىل خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىگە بېلەت تاشلاشقا مەجبۇرلىماقچى بولۇۋاتىدۇ››، دېدى. تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇتئوغلۇ 12 – ئاپرېل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ھۇجۇمى تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە بۇ قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىغا قارىتىلغان.
ئالدىنقى ئايدا كۇردلارغا مايىل خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئېندېر نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قاماقتىكى رەھبىرى ئابدۇللا ئوغلاننىڭ خېتىنى ئېلان قىلغان. ئوغلان خېتىدە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنى قورال تاشلاپ، ئەتىيازلىق يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ‹‹تىنچلىق مۇساپىسى›› سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۇردلارنىڭ تېزرەك ‹‹تىنچلىق دەۋرى››گە قەدەم قويۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2012 – يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئوغلان بىلەن ئۇچرىشىپ، تۈركىيەنىڭ كۇردلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ‹‹تىنچلىق مۇساپىسى›› سۆھبىتىنى باشلاپ، 30يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان، 40مىڭغا يېقىن كىشى قازا قىلغان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان.
ۋاھالەنكى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ يېقىنقى توقۇنۇشى ‹‹تىنچلىق مۇساپىسى››نى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ قېتىملىق توقۇنۇش تۈركىيەدە تالاش – تارتىش پەيدا قىلىپ، ‹‹تىنچلىق مۇساپىسى›› سۆھبىتى پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ دېگەندەك مۇنازىرىنى پەيدا قىلدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىلماز مۇنداق دېدى: پارلامېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ئارىسىدا يەنە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇنىڭدا توقۇنۇش ئارقىلىق ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، خەلققە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى ‹‹تىنچلىق مۇساپىسى›› ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقاندەك تەسىر بېرىش مەقسەت قىلىنغان.
خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دېمىر تاش مۇنداق دېدى: توقۇنۇشنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قەستەن كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ قانلىق توقۇنۇشلار ئارقىلىق، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىماقچى.
خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى بۇ يىل يانۋاردا سىياسىي پارتىيەلىك سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى پارلامېنتتا سىياسىي پارتىيەلىك سالاھىيىتى بىلەن ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن پارلامېنت سايلىمىدا %10تىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشىشى كېرەك، ئەگەر خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى پارلامېنتقا ئوڭۇشلۇق كىرەلىسە، پارلامېنتتا 60قا يېقىن ئورۇنغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن، پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئورۇن سانى نىسپىي ئازىيىدۇ.
تۈركىيەدىكى 3 – ئورۇندا تۇرىدىغان سىياسىي پارتىيە – ‹‹مىللەتپەرۋەرلەر ھەرىكىتى پارتىيەسى›› پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈف ھەرۈدگە ئوغلۇ مۇنداق دېدى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى ‹‹تىنچلىق مۇساپىسى›› سۆھبىتىدىن ئۈمىد يوق، ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىدىغانلىقىغا سەل قاراۋاتىدۇ. تىنچلىق مۇساپىسى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved