جۇڭگو-قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ۋە قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ فوند جەمئىيىتى، نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق يۇقۇرى قاتلام ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر 7-سىنتەبىر شاڭخەيدە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش جۇڭگو-قازاقىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنىڭدەك يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى ۋە قېلىپىنى مۇھاكىمە قىلدى.


     

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتە تېخىمۇ كەڭ تەپەككۇر بولۇشى كېرەك، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقتا بىربىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ، نۆۋەتتە ھەمكارلىق قېلىپى، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق كەسىپنى ئۇلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ گۈللەپ روناق تاپقان ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر.
     

 

قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى بۇلات سۇلتانوف مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سالغان ھالدا چىقىرىلغان ھەرىكەت قىبلىنامىسى، بىز ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بۇنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىشىمىز كېرەك.

قازاقىستان تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ فوند جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى سېرگىي مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو قازاقىستانغا سالغان مەبلەغ ئاساسلىقى ئېنرگىيە، يېنىك سانائەت، يىمەك-ئىچمەككە مەركەزلەشكەن، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشتا يەنە ناھايىتى زور بوشلۇق بار، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى تېخى تولۇق جارىي قىلدۇرۇلمىدى، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.   



08-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek